بەرزەخ ھاياتى-ئۆلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ قايتا تىرىلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىق

13ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەدىسلەر تىزىملىكى 13

دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئەتىگەن-كەچلەردە ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىلىدۇ
ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ
سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە، ھەتتا كەينىگە يەھۇدىي يوشۇرۇنىۋالغان تاش: ئى مۇسۇلمان! مېنىڭ ئارقامغا يەھۇدىي يوشۇرنىۋالدى، ئ‍ۇنى ئۆلتۈرگىن دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ،
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ
زامانلار يېقىن بولمىغۈچە
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ
ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار
مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ