عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ، لَيُوشِكَنَّ أَنْ يَنْزِلَ فِيكُمْ ابْنُ مَرْيَمَ حَكَمًا مُقْسِطًا، فَيَكْسِرَ الصَّلِيبَ، وَيَقْتُلَ الخِنْزِيرَ، وَيَضَعَ الجِزْيَةَ، وَيَفِيضَ المَالُ حَتَّى لاَ يَقْبَلَهُ أَحَدٌ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام خىرىستىيانلار ئۇلۇغلايدىغان كېرست بەلگىسىنى سۈندۇرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام باجنى بىكار قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. مال-دۇنيا بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق بىلەن بىھاجەت بولۇپ، بەرەكەتلەر چۈشۈپ، ياخشىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقاچقا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، بۇ بولسا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى باشقا بىر شەرىئەت ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.
  3. ئاخىر زاماندا كىشىلەر زاھىد بولماقلىق بىلەن(دۇنياغا بېرىلمەسلىك بىلەن) مالدا بەرىكەت كۆپ بولىدۇ.
  4. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئىسلام دىنى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانقى، ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكىچە باقى قالىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ