عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه عَنْ رَسُولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم أنه قال:
«وَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَا يَسْمَعُ بِي أَحَدٌ مِنْ هَذِهِ الْأُمَّةِ يَهُودِيٌّ وَلَا نَصْرَانِيٌّ، ثُمَّ يَمُوتُ وَلَمْ يُؤْمِنْ بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ إِلَّا كَانَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىرى بولسۇن ياكى باشقا ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەي، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ، دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك رىسالىسى پۈتۈن ئالەمگە ئومۇمدۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئىي پىرىنسىپى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كەلگەن بارلىق شەرىئىي پىرىنسىپلار ئەمەلدىن قالدى.
  2. كىمىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. (چوقۇم ئالدى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېشىنىشى كېرەك).
  3. كىمىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئاڭلىمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دەۋېتى يەتمىگەن بولسا، ئۇ ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا قاراشلىق بولىدۇ.
  4. جان ھەلقۇمغا يەتمىگەن، ئۆلۈم يېقىنلاشقان، ھەتتا بەك ئېغىر كېسەللىكتە بولسىمۇ ئىسلام بىلەن مەنپەئەتلىنىش ئەمەلىيلىشىدۇ.
  5. كاپىرلارنىڭ دىنى كۇپۇردۇر، يەھۇدى، ناسارالارمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  6. ھەدىستە يەھۇدى ۋە ناسارالارنى زىكىر قىلىش بولسا، ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئۇلار كىتاب بېرىلگەن كىشىلەردۇر، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىتاب بېرىلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئەلۋەتتە بۇلاردىن بەتتەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ دىنىغا كېرىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ