ئەسەر تۈزۈش: ئەقىدە ئىلمى .

عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال:
بَيْنَمَا نَحْنُ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ذَاتَ يَوْمٍ إِذْ طَلَعَ عَلَيْنَا رَجُلٌ شَدِيدُ بَيَاضِ الثِّيَابِ، شَدِيدُ سَوَادِ الشَّعَرِ، لَا يُرَى عَلَيْهِ أَثَرُ السَّفَرِ، وَلَا يَعْرِفُهُ مِنَّا أَحَدٌ، حَتَّى جَلَسَ إِلَى النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَأَسْنَدَ رُكْبَتَيْهِ إِلَى رُكْبَتَيْهِ، وَوَضَعَ كَفَّيْهِ عَلَى فَخِذَيْهِ، وَقَالَ: يَا مُحَمَّدُ، أَخْبِرْنِي عَنِ الْإِسْلَامِ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «الْإِسْلَامُ أَنْ تَشْهَدَ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللهِ، وَتُقِيمَ الصَّلَاةَ، وَتُؤْتِيَ الزَّكَاةَ، وَتَصُومَ رَمَضَانَ، وَتَحُجَّ الْبَيْتَ إِنِ اسْتَطَعْتَ إِلَيْهِ سَبِيلًا» قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ: فَعَجِبْنَا لَهُ، يَسْأَلُهُ وَيُصَدِّقُهُ، قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ الْإِيمَانِ، قَالَ: «أَنْ تُؤْمِنَ بِاللهِ، وَمَلَائِكَتِهِ، وَكُتُبِهِ، وَرُسُلِهِ، وَالْيَوْمِ الْآخِرِ، وَتُؤْمِنَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ» قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ الْإِحْسَانِ، قَالَ: «أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَّكَ تَرَاهُ، فَإِنْ لَمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَإِنَّهُ يَرَاكَ» قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ السَّاعَةِ، قَالَ: «مَا الْمَسْؤُولُ عَنْهَا بِأَعْلَمَ مِنَ السَّائِلِ» قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنْ أَمَارَتِهَا، قَالَ: «أَنْ تَلِدَ الْأَمَةُ رَبَّتَهَا، وَأَنْ تَرَى الْحُفَاةَ الْعُرَاةَ الْعَالَةَ رِعَاءَ الشَّاءِ يَتَطَاوَلُونَ فِي الْبُنْيَانِ» قَالَ: ثُمَّ انْطَلَقَ، فَلَبِثْتُ مَلِيًّا ثُمَّ قَالَ لِي: «يَا عُمَرُ، أَتَدْرِي مَنِ السَّائِلُ؟» قُلْتُ: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «فَإِنَّهُ جِبْرِيلُ، أَتَاكُمْ يُعَلِّمُكُمْ دِينَكُمْ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئاپپاق كىيىم كەيگەن، چاچ-ساقاللىرى قاپقارا، سەپەرنىڭ ئەسىرىمۇ يوق، ئارىمىزدىن ھېچ بىر كىشى تونۇمايدىغان بىر كىشى كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا يىقىن قىلىپ، ئىككى قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلام توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئىسلام دېگەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، نامازنى بەرپا قىلىشىڭ، زاكاتنى ئادا قىلىشىڭ، رامىزان روزىسىنى تۇتىشىڭ ۋە يول چېقىملىرىغا قادىر بولالىساڭ ھەج-تاۋاپ قىلىشىڭدېدى»، ئۇ كىشى: راست ئېيتتىڭ دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىز ئۇ كىشىنىڭ سوئالنى ئۆزى سوراپ ۋە ئۆزىنىڭ تەستىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق، دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا ئىمان توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمان دېگەن: سېنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، بارلىق كىتابلىرىغا، بارلىق ئەلچى-پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر دېدى»، ئۇ كىشى: راست ئېيتتىڭ دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا ئېھسان توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ دېمەكتۇر» دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا قىيامەت توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت توغرىسىدا سوئال سورالغۇچى قىيامەتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغۇچىدىن بەكرەك بىلگۈچى ئەمەس دېدى». ئۇكىشى: ئۇنداقتا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن: دېدەك ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغىدۇ، يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ، كەمبەغەللەرنىڭ ئىگىز بىنالارنى سىلىشى قاتارلىقلاردۇر، دېدى». ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاندىن ئۇ كىشى كەتتى، مەن ئازراق تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا:« ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ دېدى»، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ، سىلەرگە سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى ئۈگىتىش ئۈچۈن كەلدى دېدى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلار بىلمەيدىغان بىر كىشىنىڭ سۈرىتىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاپپاق، چاچ-ساقاللىرى قاپقارا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېرىپ-چارچاش، چاڭ-توزاڭ، كىيىملىرى كىر ۋە چاچلىرى چۇۋۇق دېگەندىك سەپەردىن كەلگەنلىك ئالامەتلىرىمۇ يوق ئىدى، سورۇندىكىلەرنىڭ ھېچ بىرى ئۇنى تونۇمايتتى، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئوقۇغۇچى ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام توغرىسىدا سوئال سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىسلام ئۆز ئېچىگە ئالغان، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىش، بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، قادىر بولغان كىشى ھەج قىلىش قاتارلىق ئاساسلاردىن جاۋاپ بەردى،
سوئال سورىغۇچى: راست ئېيتتىڭ دېدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن سوراپ، جاۋاپ بەرسە بىلىدىغاندەك تەستىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدى،
ئاندىن ئۇ كىشى ئىمان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىمان ئۆز ئېچىگە ئالغان: ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلىقىغا، ئۇنىڭ بارلىق ئىسىم-سۈپەتلىرىگە، يارىتىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ نۇردىن ياراتقان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرىقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان ئېسىل بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆز ھوزۇرىدىن پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق كىتابلىرىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچىلەر-پەيغەمبەرلەرگە يەنى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلگەندىن كىيىن قەبىردە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار، بەرزەخ ھاياتى، ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تېرىلىشى، قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئىلىنىشى، ئىنساننىڭ ئاقىۋېتىنىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلىم ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە نەرسىلەرنى بىكىتكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىرنى يازغانلىقىغا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ خالىشى، تەقدىر قىلغان ۋە ياراتقىنى بويىنچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاندىن ئۇ كىشى ئېھسان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: «ئېھسان دېگەن گوياكى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرىدىغان دەرىجىگە يەتمىسەڭمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۆرۈش بۇ ئەڭ يۇقىرىسى. ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۈزۈتۈش. (ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش).
ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئىلمىنى بىلىش بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان، مەخلۇقاتلاردىن ھېچ بىرى بىلمەيدىغان ھەتتا سوئال سورىغۇچىمۇ ۋە سورالغۇچىمۇ بىلمەيدىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا سورىدى،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دېدەكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ياكى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىنى قاقشىتىپ ئۇلارغا خۇددى دېدەكلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئاخىر زاماندا قوي باقىدىغان پادىچى، كەمبەغەللەرگە دۇنيانىڭ كەڭرى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئالى قەسىر ۋە ئىگىز بىنالارنى سىلىپ پەخىرلىنىدىغانلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دېدى.
ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئال سورىغۇچىنىڭ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى، ساھابىلارغا بۇ دىننى تەلىم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم ساھابىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قوپىدىغانلىقىدۇر.
  2. سوئال سورىغۇچىغا مۇلايىم بولۇش ۋە يېقىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ ئەيمەنمەي دادىل سوئال سورىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش.
  3. جىبرائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش مۇئەللىم بىلەن بولغان ئەدەپ -ئەخلاقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەدەپ بىلەن ئولتۇرغانلىقىدۇر.
  4. ئىسلامنىڭ ئاساسى بەش، ئىماننىڭ ئاساسى ئالتىدۇر.
  5. ئىسلام بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا كەلسە ئىسلامدىن سېرتقى ئەمەللەر مەقسەت قىلىنىدۇ، ئىماندىن مەنەۋىي ئىشلار مەقسەت قىلىنىدۇ.
  6. دىننىڭ مەرتىۋېسىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش، بىرىنچى مەرتىۋە: ئىسلام، ئىككىنچى مەرتىۋە: ئىمان، ئۈچىنچى مەرتىۋە: ئېھسان بولۇپ ئۇ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە ھېسابلىنىدۇ.
  7. ئەسلىدە سوئال سورىغۇچى سورىغان نەرسىنى بىلمەسلىك سەۋەبى سوئال سوراشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالنى ئۆزى سوراپ ئۆزى تەستىقلىغانلىقىدىن ھەيران قالدى.
  8. ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلاش، چۈنكى ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتە ئىككى شاھادەت كەلىمىسى بىلەن باشلىدى، ئىماننى چۈشەندۈرۈشتە ئاللاھقا ئىشىنىشتىن باشلىدى.
  9. باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆزى بىلگەن نەرسىنى بىلىم ئىگىلىرىدىن سوراشنىڭ مۇھىملىقى.
  10. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى ئاللاھ ئۆزىگە خاس قىلىپ تاللىغان.