عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«إِنَّمَا الْأَعْمَالُ بِالنِّيَّةِ، وَإِنَّمَا لِامْرِئٍ مَا نَوَى، فَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ إِلَى اللهِ وَرَسُولِهِ، فَهِجْرَتُهُ إِلَى اللهِ وَرَسُولِهِ، وَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصِيبُهَا أَوِ امْرَأَةٍ يَتَزَوَّجُهَا، فَهِجْرَتُهُ إِلَى مَا هَاجَرَ إِلَيْهِ».
وفي لفظ للبخاري: «إِنَّمَا الْأَعْمَالُ بِالنِّيَّاتِ، وَإِنَّمَا لِكُلِّ امْرِئٍ مَا نَوَى».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 1907]
المزيــد ...
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر، ئىنسان نېمىنى نىيەت قىلسا شۇ بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دەپ ھىجرەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولىدۇ. بىر كىشى مال-دۇنياغا ئېرىشىش ياكى بىرەر گۈزەل ئايال بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى نىيەت قىلغان نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ». بۇخارىينىڭ لەپزىدە: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ.» دەپ كەلگەن.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 1907]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ نىيەتكە كۆرە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئىبادەت، مۇئامىلات قاتارلىق ھەممە ئەمەللەردە شۇنداق بولىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن بىرەر مەنپەئەتنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ لېكىن ئۇ كىشى مەقسەت قىلغان مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى مەقسەت قىلسا، گەرچە قىلغان ئەمىلى يىمەك-ئېچمەككە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولسىمۇ نىيىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا نائىل بولىدۇ.
ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نىيەتنىڭ كۆرۈنۈشتە ئەمەل بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلگە كۆرسۈتىدىغان تەسىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ۋە يەنە: بىر كىشى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى شەرىئەتتە قوبۇل قىلىنىدىغان ھىجرەت بولۇپ، نىيىتىدىكى سەمىمىيەتكە كۆرە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ. بىر كىشى دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىپ مال-دۇنيا، يۈز-ئابرۇي، تىجارەت ياكى توي قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلەر بىلەن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ھىجرىتىدىن پەقەت مەقسەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋاپتىن نەسىۋىسى بولمايدۇ.