ۋەز-نەسىھەتلەر

83ھەدىسلەر تىزىملىكى 11قوشۇمچە ئەسەرلەر

ھەدىسلەر تىزىملىكى 83

ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر
ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن
سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟
چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار
مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن
ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى
ئېغىزى بىلەن ئەۋرىتىگە كېپىل بولغان كىشىگە جەننەت بىلەن كېپىل بولىمەن
جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر
دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان
ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ
ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ
ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ
بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ
ھەر بىر ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى ئەڭ كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم»
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسالاردىن بەكرەك ياخشى كۆرمىگۈچە كامىل مۇسۇلمان بولالمايدۇ
كىمكى قەلبىنى ئاللاھدىن باشقا بىرەر نەرسىگە باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىگە تاپشۇرۇپ قويىدۇ.
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار
ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن
«مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».
مېنىڭ قارىشىمدا سىلەرگە مەسىھ دەججالدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق بىر ئىشنى دەپ بىرەيمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: دەپ بەرسىلە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يوشۇرۇن شېرىكتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرگەندە نامازنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇقۇيدۇ» دېدى
كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددە قۇرىتتىن شۇم پال ئېلىش يوق
تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن
دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز
ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن
ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم
دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟
ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن
كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ
مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ: ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ
دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى
ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار
كۆپ كىشىلەر سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ
كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار
سىلەرگە يالغان چاپلاشنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرمەيمەنمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىشتۇر
قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدۇ، بەزىلەر تېرىسىگە تىكەن سۈركىشىپ ئۆتۈپ سالامەت قالىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ
جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ
ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ
دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان
بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ
ئۆلۈم قىيامەت كۈنى سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرلىدۇ
سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر
ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش
ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈچۈن بولغان توغرا يولنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەردى
قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن
بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى، ئاسىيلىقى ، يالغانچىلىقى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى خاتالىقىنىڭ مىقدارىدا ئازابلىغانلىقىڭ سېلىشتۇرىلىدۇ
ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ
بەندەم مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزى ئالدىراپ كەتتى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
جەننەت ۋە دوزاخ مۇنازىرلىشىپ قالدى، دوزاخ: مەندە زۇلۇم قىلغۇچىلار، تەكەببۇر كىشىلەر بار دېدى، جەننەت: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار دېدى
ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى خالىسا بەندىسىگە بىرىلىدىغان جازانى بۇ دۇنيادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىقنى خالىسا جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قىيامەت كۈنى تۇلۇق ھېساپ ئالىدۇ
سىلەرگە پەقەت ئاجىزلىرىڭلار سەۋەپلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ
دۇنيادا بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، بىزگە ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ ئېلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمىز
«ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ، ئۈستۈن قول(بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن(ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر»دېدى
كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن
كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ
قومۇشتىن ياسالغان ئۆيىمىزنى ئوڭشاۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ «بۇ نېمە ئىش؟» دېدى
مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر دېدى
ئادەم بالىسىنىڭ تويمايدىغان قورسىقىدىنمۇ يامان نەرسە يوق. ئەسلىدە ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن
ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقدا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار
سىلەردىن كىمكى ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ
ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى
بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلماننى ئاللاھ بالىلىرىغا قىلغان پەزلى-رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ»
قەبرە ئاخىرەت مەنزىللىرىدىن تۈنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكىلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس
ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن بۇ شەرمەندىچىلىكتىن يىراق بولۇڭلار، كىم قىلىپ سالسا، ئاللاھ يوشۇرغاننى يوشۇرۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، كىم يولدىن چىقسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز
ئاللاھ تائالا: «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، بىللە ئولتۇرغانلارغا، بىرـ بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، بىرـ بىرىگە بېغىشلىغانلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى
قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي ياكى بىر خىرىستىئاننى ئېلىپ كېلىپ: «مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا ئالماشتۇرۇلغان كىشىدۇر» دەيدۇ
قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ