عن سهل بن سعد الساعدي رضي الله عنه قال: مَرَّ رجلٌ على النبي صلى الله عليه وسلم فقال لرجل عنده جالسٌ: «ما رأيُك في هَذا؟»، فقال: رجل من أَشراف الناس، هذا والله حَرِيٌّ إن خَطب أن يُنْكَحَ، وإن شَفع أن يُشَفَّعَ، فَسكت رسول الله صلى الله عليه وسلم ثم مرَّ رجلٌ آخر، فقال له رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما رأيُك في هذا؟» فقال: يا رسول الله، هذا رجلٌ من فقراء المسلمين، هذا حَرِيٌّ إن خَطب أن لا يُنْكَحَ، وإن شَفَعَ أن لا يُشَفَّعَ، وإن قال أن لا يُسمع لقوله، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «هذا خَيرٌ من مِلءِ الأرض مثل هذا».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
سەھلە ئىبنى سەئىد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكراقى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ بىرەرىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويسا، تەلىپى رەت قىلىنمايدىغان، شۇنداقلا بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلسا، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەل كىشىلىرىدىن، ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە ئۆيلىنىش تەلىپى قويسا، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆز قىلسا سۆزى ئېتبارغا ئېلىنمايدىغان كىشى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن دەۋاتقان كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ ئىتىبارسىز كىشى سەن يۇقىرىدا دېگەن ھىلىقى كىشىلەردەكلەردىن زېمىنغا توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئىككى كىشى ئۆتتى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: قەۋمنىڭ ئىچىدىكى ئابرويلۇق، باشقىلارغا سۆزلىسە گېپى ئۆتىدىغان، سۆزىنى ئاڭلايدىغان، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى، ئىككىنچىسى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئاجىز كىشىلەردىن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى يوق، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆزلىسە گېپىنى ئاڭلىمايدىغان كىشى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كەمبەغەل كىشى مۇنداق ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى، يەنى بۇ كەمبەغەل كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا، ئۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئىناۋەتلىك، ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقۇدەك بولغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا شان-شەرەپ، يۈز-ئابروي، مال، نەسەب، چىرايىڭلارغا قارىماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ قەلىبلىرىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ. ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا، مال-مۈلكىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» دېيىلگەن، ئۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، 2564-نومۇرلۇق ھەدىس، ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردا قەلبىنى ئىسلاھ قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى، ئاللاھدىن قورۇققۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە قايتقۇچى ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلغۇچى بولىدۇ، بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىكتۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئابروي، مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلسا، ئاللاھ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىدۇر