عن أبي الدرداء رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ رَدَّ عَنْ عِرْضِ أَخِيهِ رَدَّ اللهُ عَنْ وَجْهِهِ النَّارَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ».

[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد] - [سنن الترمذي: 1931]
المزيــد ...

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغدايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [رواه الترمذي وأحمد] - [سۈنەن تىرمىزى - 1931]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام؛ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى (ئۇ يوق ۋاقىتتا) سۆكۇلگەندە ياكى ئۇ كىشى توغرىسىدا يامان سۆزلەر قىلىنغاندا، ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغدىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى ئازابتىن ساقلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكىدىغان سۆزلەرنى قىلىش چەكلىنىدۇ
  2. مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى قىرىندىشىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدۇ.
  3. ئىسلام قىرىنداشلىق، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش دىنىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ