گۈزەل ئەخلاقلار

35ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەدىسلەر تىزىملىكى 35

ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن
بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن
بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى،
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى
ئاچچىقلانمىغىن
ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر
ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ
چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر
ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ
ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن
ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
ھايا ئىماندىن دېدى
كىمكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغدايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ
مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر
ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر
مۇئ‍مىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ
سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار
ئاسانلاشتۇرۇڭلار قېيىنلاشتۇرماڭلار، خۇشخەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار
رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ
ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە (كامىل) مۆمىن بولالمايدۇ
قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ
مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر
ئەلەيكەسسالام» دېمە، «ئەلەيكەسسالام» ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام، «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» دېگىن
سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار
قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن ۋە سۆيۈملۈكرەكىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلاردۇر، قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراقراقىڭلار كۆپ سۆزلەيدىغان، قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر
قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ
باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن
سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزگەن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار
بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى ئۇ كىشىگە راس سۆزلىدىڭ دېدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلەم ۋاقىتقىچە قەرىز بېرىپ تۇردى
بىلىپ قوي ھەي ئەبۇ مەسئۇد!، ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم