عَنْ أَبِي الدَّرْدَاءِ رضي الله عنه أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«مَا شَيْءٌ أَثْقَلُ فِي مِيزَانِ الْمُؤْمِنِ يَوْمَ القِيَامَةِ مِنْ خُلُقٍ حَسَنٍ، وَإِنَّ اللَّهَ لَيُبْغِضُ الفَاحِشَ البَذِيءَ».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي] - [سنن الترمذي: 2002]
المزيــد ...

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [رواه أبو داود والترمذي] - [سۈنەن تىرمىزى - 2002]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىيزانىدا سۆز-ھەرىكەتلەردىن گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: باشقىلارغا ئوچۇق چېراي بولۇش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىكى ناچارلىق ۋە قەبىھ سۆزلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ ساھىبىغا ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ سۆيگۈسىنى قالدۇرىدۇ، بۇ قىيامەت كۈنى مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەلدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (54)
تېخىمۇ كۆپ