بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن
بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى،
ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر
ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ
چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
مۇئمىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر
ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر
مۇئمىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ
رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار
قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى
مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى يىغقاندا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر بىر خىيانەتچى ئۈچۈن بايراق تىكلەپ قويىدۇ ۋە: بۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانىنىڭ خىيانىتى دېيىلىدۇ
مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كىلىدۇ يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىپ (ئۆزىگە بىر نەرسە قالمايدىغان) كىشىدۇر
قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن ۋە سۆيۈملۈكرەكىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلاردۇر، قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراقراقىڭلار كۆپ سۆزلەيدىغان، قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر
قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ
مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا (دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن) ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، كىمكى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ
كىمكى ئۆز قۇلىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىغان ئىشلاردىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا، ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر
باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن
سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزگەن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار
بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى ئۇ كىشىگە راس سۆزلىدىڭ دېدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلەم ۋاقىتقىچە قەرىز بېرىپ تۇردى
بىلىپ قوي ھەي ئەبۇ مەسئۇد!، ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم