عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ كَذَبَ عَلَيَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 110]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 110]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق كىشى سۆزدىن ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ئۇزىنىڭ نامىدىن قەستەن يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى دوزاخ بولىدىغانلىقى، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ يالغاننى سۆزلىگەنلىكىنىڭ جازاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن قەستەن يالغان سۆزلەش بولسا دوزاخقا كېرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىدىن يالغان سۆزلەش دېگەن باشقا ئىنسانلار نامىدىن يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن دۇنيا-ئاخىرەتلىك زور بۇزۇقچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدىغان ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىپ تەرەپلىرىنى تەكشۈرمەستىن، تەكىتلىمەستىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا تارقىتىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (55)
تېخىمۇ كۆپ