عن المقدام بن معدِيْكَرِب رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«أَلَا هَلْ عَسَى رَجُلٌ يَبْلُغُهُ الْحَدِيثُ عَنِّي وَهُوَ مُتَّكِئٌ عَلَى أَرِيكَتِهِ فَيَقُولُ: بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ كِتَابُ اللهِ، فَمَا وَجَدْنَا فِيهِ حَلَالًا اسْتَحْلَلْنَاهُ، وَمَا وَجَدْنَا فِيهِ حَرَامًا حَرَّمْنَاهُ، وَإِنَّ مَا حَرَّمَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَمَا حَرَّمَ اللهُ».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه]
المزيــد ...

مىقدام بىن مەدىكەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم كىشىلەر سورۇن تۈزەپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ياستۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ ئادەم: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئايرىيدىغانغا قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەردىن يىراق بولىمىز دەيدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھۆكۈمدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى خۇددى قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغاندەك ئەمەل قىلىش كېرەك.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتۇر.
  3. سۈننەتنى رەت قىلغان ياكى ئىنكار قىلغان كىشىگە سۈننەتنىڭ دىندا ھۆججەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرىش كېرەك.
  4. سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، قۇرئانلا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن كىشى ئەمەلىيەتتە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھەممىسىدىن يۈز ئۆرىگۈچىدۇر، ئۇ ئادەم قۇرئانغا ئەگىشىمىز دېگەن دەۋاسىدا يالغانچىدۇر.
  5. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەنلىكى بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك بولدى.
تېخىمۇ كۆپ