عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ عُمَر رضي الله عنهما قال: قال رسولُ الله صلى الله عليه وسلم:
«بُنِيَ الْإِسْلَامُ عَلَى خَمْسٍ: شَهَادَةِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، وَإِقَامِ الصَّلَاةِ، وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ، وَحَجِّ الْبَيْتِ، وَصَوْمِ رَمَضَانَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ بەش ئاساسنى بەش تۈرۈكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇستەھكەم بىر بىناغا ئوخشاتتى، ئىسلامنىڭ قالغان ئەمەللىرىنى بىنانى تولۇقلايدىغان باشقا تولۇقلىمىلارغا ئوخشاتتى. بۇ ئاساسلارنىڭ بىرىنچىسى: ئىككى شاھادەت كەلىمىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، بۇ ئىككىسى بىر ئاساس بولۇپ، بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسان بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، ئىبادەتكە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىگە ئېشىنىپ ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ دەيدۇ. ئىككىنچى ئاساس: نامازنى بەرپا قىلىش؛ ئۇ بولسىمۇ بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان: بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتۇر. ئۈچىنچى ئاساس: مالدىن پەرز قىلىنغان زاكاتنى ئايرىش، ئۇ ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ھەر قانداق مالنىڭ مىقدارى شەرىئەتتە بېكىتكەن مىقدارغا يەتسە ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن مىقدارنى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىشتۇر. تۆتىنچى ئاساس: ھەج قىلىش، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەككىدە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولىدىغان پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر. بەشىنچى ئاساس: رامىزان روزىسى تۇتۇش، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن ئەتتىگەندە تاڭ يورىغاندىن باشلاپ، كەچتە كۈن پاتقۇچە يىمەك-ئېچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىككى شاھادەت كەلىمىسى بىر-بىرىنى لازىم تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى دەپ يەنە بىرىنى دېمىسە توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى كەلىمە بىر ئاساس قىلىندى.
  2. ئىككى شاھادەت كەلىمىسى دىننىڭ ئاساسىدۇر، بۇ ئىككى كەلىمىنى دېمىگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ