عَنْ سُفْيان بنِ عَبْدِ اللهِ الثَّقَفِيّ رضي الله عنه قال:
قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ، قُلْ لِي فِي الْإِسْلَامِ قَوْلًا لَا أَسْأَلُ عَنْهُ أَحَدًا غَيْرَكَ، قَالَ: «قُلْ: آمَنْتُ بِاللهِ، ثُمَّ اسْتَقِمْ».

[صحيح] - [رواه مسلم وأحمد]
المزيــد ...

سۇپيان بىن ئابدۇللاھ سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلاردىن سۇپيان بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان بىر سۆزنى تەلىم بېرىشنى، ئۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر بىلدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھنى مېنىڭ رەببىم، ئىلاھىم، ياراتقۇچۇم، ھېچ شېرىكى بولمىغان ھەق مەبۇدۇم» دېگىن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ئاللاھقا بويسۇنۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. دىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكى، پەرۋەردىگار ئىكەنلىكى ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشتۇر.
  2. ئىماندىن كېيىن دۇرۇس بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى.
  3. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىمان شەرت قىلىنىدۇ.
  4. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەن: ئەقىدە، ئىماندىن ۋە ئۇنىڭ ئاساسىدىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپ بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭغا قەلب ئەمەللىرى ۋە ئىچكى-تاشقى ھەممە تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  5. راۋرۇس تۇرۇش دېگەن: ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن توغرا يولنى لازىم تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
تېخىمۇ كۆپ