عَنِ ابْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَ:
«مَثَلُ الْمُنَافِقِ، كَمَثَلِ الشَّاةِ الْعَائِرَةِ بَيْنَ الْغَنَمَيْنِ تَعِيرُ إِلَى هَذِهِ مَرَّةً وَإِلَى هَذِهِ مَرَّةً».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنى ئىككى پادا قوينىڭ قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان سەرگەردان قويغا ئوخشاتتى. بىر قېتىم بۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ يەنە بىر قېتىم ئۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ. مۇناپىقلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغۇچىدۇر، ئۇلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مۇئ‍مىنلەر بىلەنمۇ ئەمەس ۋە كاپىرلار بىلەنمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە شەك ۋە ئىككىلىنىش بار، بەزى ۋاقىتتا مۇئ‍مىنلەرگە مايىل بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا كاپىرلارغا مايىل بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا مىسال بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى.
  2. مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىككىلىنىش، شەكلىنىش، ئىزتىراپلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  3. مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىماندا سەمىمى ۋە كەسكىن، زاھىرى ۋە باتىنى ئەمەللەردە راستچىل بولۇش.
تېخىمۇ كۆپ