ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ
ئاللاھ تائالا يەھۇدىي، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى ئىبادەتخانا قىلىۋالدى
مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ
مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن
مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئمىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر
كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى
مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولغان ۋە مازارلىقلارنى نامازئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەردۇر
مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا
ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق، دېدى
سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى
خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار
قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى
كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ :«ئۇلار: مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرىك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، دېدى» دېگەن بۇ سۆزىنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندە شەيتان شىرىن سۆزلەر بىلەن ۋەسۋەسە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى يىغىلىش سورۇنلىرىغا تىكلەشكە كۈشكۈرتكەن، ئۇلار شەيتان دېگەندەك قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىغان، كېيىنچە چوڭلار ئۆلۈپ ئەۋلادلارغا كەلگەندە ئۇ ھەيكەللەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقان
كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، كىمكى بىر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر يامانلىق يازىدۇ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ
ئىسلام دېگەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، نامازنى بەرپا قىلىشىڭ، زاكاتنى ئادا قىلىشىڭ، رامىزان روزىسىنى تۇتىشىڭ ۋە يول چېقىملىرىغا قادىر بولالىساڭ ھەج-تاۋاپ قىلىشىڭ
ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم،، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم، ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار
ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر
كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ
سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى
قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا كۆرە ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتكەن، رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن، سىھېر قىلغان ياكى قىلدۇرغان
كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ
كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ
ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقماسلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈش
ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر
تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى
كىمكى قەلبىنى ئاللاھدىن باشقا بىرەر نەرسىگە باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىگە تاپشۇرۇپ قويىدۇ.
كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مىلى، قېنى ھارام بولىدۇ، (يەنى قوغدىلىنىدۇ) ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ
رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ
توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ
ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ
سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر
كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولىدىكەن، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ، كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولمايدىكەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ»دېدى
مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر
ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى
ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى
مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر
ئاللاھ تائالانىڭ :«سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۆمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر
سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى
كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئوچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان
شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى
بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى
بېشىڭنى كۆتۈرگىن ، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ
ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى
كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئمىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ
ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ
ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى
مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر
بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، سىلىگە نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىلەر، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيسىلەر، بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسىلەر، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىسىلەر(بىر سۆزنى مەخپى قىلدى) ئىنسانلاردىن بىر نەرسىنى سورىمايسىلەر
ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبتىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى
ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، دېگەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان، قاتتىق نالە-پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟
رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ».
مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ
، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئەگىشىسىلەر
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى
قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»
دادىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىر ئادەمنى بۇ مېنىڭ دادام دەپ دەۋا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭكى دەپ دەۋا قىلغان كىشى بىزدىن (يەنى مۇسۇلمانلارىدىن) ئەمەس، ئۇنداق كىشى جەھەننەمدىن ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلاپ قويسۇن!، كىمكى باشقا بىرىنى "كاپىر" ياكى "ئاللاھنىڭ دۈشمىنى" دېسە، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەم ئۇنداق بولمىسا، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ
ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى
كۇرسى دېگەن ئىككى پۇتنى قويۇدىغان ئورۇندۇر. ئەرىشنىڭ بۈيۇكلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ
كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ،
ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ
پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن نەرسىدىن«يەنى لايدىن» يارىتىلغان
ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟
قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدۇ، بەزىلەر تېرىسىگە تىكەن سۈركىشىپ ئۆتۈپ سالامەت قالىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى
سەئىدنىڭ كۈللۈكچىلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن سەئىدتىن بەك كۈنلەيمەن، ئاللاھ مەندىنمۇ بەك كۈنلەيدۇ. ئاللاھ كۈنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. ئاللاھدىنمۇ بەكرەك كۈنلەيدىغان بىرەرسى يوقتۇر
ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھدىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق، مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رىزىق بىرىپ تۇرىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى
بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن
مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر
بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟
كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.
بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىپ مۇنبەرگە چىقتى ۋە: «مېنىڭ بۇ نەۋرەم ئالى جاناپتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ» دېدى
كىمكى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرسە، مېنى ياخشى كۆرگەن بولدى، ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى مېنى ئۆچ كۆرگەن بولىدۇ
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئەتىگەن-كەچلەردە ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىلىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرىۋاتىمەن»دېدى
رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دېدى، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندىلىرىمنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئىشىنىپ ۋە ماڭا كاپىر بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدى
بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ روشەن ئىماندۇر»دېدى
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ
كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار
ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر
بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ
سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە، ھەتتا كەينىگە يەھۇدىي يوشۇرۇنىۋالغان تاش: ئى مۇسۇلمان! مېنىڭ ئارقامغا يەھۇدىي يوشۇرنىۋالدى، ئۇنى ئۆلتۈرگىن دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ،
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ
ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ
مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر
مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ ئۇممىتىم!
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز
ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ
ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ
ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلىماڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار، «بىز ئاللاھقا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق دەڭلار
ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى، ئاسىيلىقى ، يالغانچىلىقى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى خاتالىقىنىڭ مىقدارىدا ئازابلىغانلىقىڭ سېلىشتۇرىلىدۇ
ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟
ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن
سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا چاقىرغىنىڭ ياخشى ئىش ئېكەن، بىزنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىمىز ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدىغان
سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى
ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار
مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى
بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، زىمىنلارنى بىر بارماقتا، دەرەخلەرنى بىر بارماقتا، سۇنى بىر بارماقتا، نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا تۇتۇپ، پادىشاھ مەندۇرمەن، دەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈنگىدەك كۈلدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زىمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبارىدە: تاغلار ۋە دەرەخلەرنى بىر بارماقتا تۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنى سىلكىپ تۇرۇپ دەيدۇ: مەن پادىشاھدۇرمەن مەن ئاللاھ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، سۇ بىلەن نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بارماقتا تۇتىدۇ، دېگەن
مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ
ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ
سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق، بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسىنى سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «رىياخۇر» دېيىشتى، يەنە بىر كىشى كېلىپ بىر «سا» نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «ئاللاھ ئۇنىڭ بىر «سا» نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى، شۇ ۋاقىتتا: { (مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ } دېگەن ئايەت نازىل بولدى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىغلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم
ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى
ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار! دەپ مەكتۇپ يوللىدى
ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتە شەكىلگە كىرگۈزگەندە ئۇنى ئۆزى خالىغان بىر مۇددەت قويۇپ قويدى، شەيتان: «ئۇ نېمىدۇ؟» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاكلىقىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان خاراكتېردە يارىتىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گىپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، بىز ھەتتا دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالدۇق
ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن
خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېرىنى شىكايەت قىلىپ كەلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم
بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن
ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىلىشىپ قالدى، مۇسا ئادەمگە دىدىكى: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. ئۇنىڭغا ئادەم دىدىكى: ئى مۇسا! ئاللاھ تائالا سىنى ئۆزىنىڭ كالامى بىلەن تاللىدى ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مېنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يىڭىۋالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقىلارنى يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بار ئىدى
ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىغان ئىدى، دۈمبىسىدىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چۈشتى
بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىلدى
ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا
ئى ئاللاھ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن
بىر ئوت ھىجاز زېمىنىدىن كۆتىرىلىپ، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يورۇيدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرمىگۈچىلىك قىيامەت بولمايدۇ
سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ
سىلەر قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك، ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان خوزا ۋە كەرمان ئەجەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغىچە قىيامەت بولمايدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلىپ، «ئۇلارنى ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىرىۋىتىڭلار!» دېدى
ئى خالىد مەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇش، پىتنە ۋە تەپرىقىچىلىقلار بولىدۇ. ئەگەردە سەن ئۇ پىتنىلەردە ئاللاھنىڭ قاتىل بەندىسى ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچى بەندىسى بولالىساڭ، بولغىن
«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يېغلاۋاتىمەن» دەپ، ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگىتىپ قويىدىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ ۋاپات بولغىچە قەدەر ئىزچىل ۋەھيى قىلغان، ئەڭ كۆپ ۋەھيى نازىل بولغان ۋاقىتلار رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى
قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي ياكى بىر خىرىستىئاننى ئېلىپ كېلىپ: «مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا ئالماشتۇرۇلغان كىشىدۇر» دەيدۇ
بىلىپ قوي ھەي ئەبۇ مەسئۇد!، ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم
ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلىدى. ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: سىز نېمە دېگەن بولسىڭىز، ماڭا شۇ سۆزنىڭ ئۆزى دېيىلدى، دېدى
پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن
مەن ئاسمانغا چىققان ۋاقتىمدا جىبرىئىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدە ئاللاھتىن قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك ھالدا تۇراتتى
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى
ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چېراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىر كۈنىدە: «بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش كىيىمىنى كېيىپ، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن
شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، بۇ قىز داپ چېلىۋاتقاندا مەن ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى.، سەن كىرىۋىدىڭ، ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى
مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى
ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى دانە ساۋۇت بار ئىدى، ئۇ بىر قورام تاش ئۈستىگە چىقماقچى بولۇپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تۇرۇپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى، تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ
ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىنى مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ يەردە بىر ئېھتىياجىنى قېلىدۇ
ئاگاھ بولۇڭلاركى، جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ھەرقانداق قان قىساسى، داۋا قىلىنغان، دېۋالغان «ئۆسۈملۈك» قەرز ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئايىغىم ئاستىدا، پەقەت ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى، كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇنىڭدىن سىرىت
ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننەتتە دېدى