+ -

عَنْ أَبِي وَاقِدٍ اللَّيْثِيِّ رضي الله عنه:
أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَمَّا خَرَجَ إِلَى حُنَيْنٍ مَرَّ بِشَجَرَةٍ لِلْمُشْرِكِينَ يُقَالُ لَهَا: ذَاتُ أَنْوَاطٍ يُعَلِّقُونَ عَلَيْهَا أَسْلِحَتَهُمْ، فَقَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ، اجْعَلْ لَنَا ذَاتَ أَنْوَاطٍ كَمَا لَهُمْ ذَاتُ أَنْوَاطٍ، فَقَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سُبْحَانَ اللهِ! هَذَا كَمَا قَالَ قَوْمُ مُوسَى {اجْعَلْ لَنَا إِلَهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ} [الأعراف: 138] وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ لَتَرْكَبُنَّ سُنَّةَ مَنْ كَانَ قَبْلَكُمْ».

[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد] - [سنن الترمذي: 2180]
المزيــد ...

ئەبۇ ۋاقىد ئەل لەيسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۇنەين ئۇرىشىغا چىققاندا، مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان«زاتى ئەنۋات» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرەخىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بەزى ساھابىلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگىمۇ مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان دەرىخىگە ئوخشاش بىر دەرەخ قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ پاكتۇر!، بۇ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئەگىشىسىلەر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - - [سۈنەن تىرمىزى - 2180]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈنەين ئۇرىشىغا چىقتى، ھۈنەين دېگەن مەككە بىلەن تائىپ شەھرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بەزى ساھابىلار بار ئېدى. ئۇلار" زاتى ئەنۋات" دەپ ئاتىلىدىغان مۇشرىكلار ئۇلۇغلاپ، بەرىكەت تىلەپ، قوراللىرىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئېسىپ قويىدىغان بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان ۋە بەرىكەت تىلەيدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر دەرەخنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇلار بۇنداق قىلسا توغرا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ ۋە ئاللاھنى ئۇلوغلاپ سۇبھانەللاھ دەپ تەسبىھ ئېيتتى ۋە بۇ سۆزىنىڭ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئۇلار بۇتقا چوقۇنىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىگىمۇ چوقۇنۇش ئۈچۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بىر بۇت تىكلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئۇممەتنىڭ يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇممەتنى بۇنداق ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىنسان بىر ئىشنى چېرايلىق دەپ قاراپ بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىش دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىش، ئۇ كىشىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
  2. مۇسۇلمان دىندا دېيىش توغرا بولمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىغاندا ۋە تەئەججۇپلىنىپ ھەيران قالغاندا، تەكبىر ۋە تەسبىھ ئېيتىپ، ئاللاھنى پاكلاپ ۋە كاتتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
  3. دەل-دەرەخ، تاش-چالما قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالاھىدە بىلىپ بەرىكەت تىلەش شېرىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ھەقىقەتەن بەرىكەت پەقەت ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىنىدۇ.
  4. بۇتنى ئۇلۇغلاشنىڭ سەۋەبى: بۇتنى بەك ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىگىلىپ، بۈكلىنىپ تۇرۇش ۋە بەرىكەت تىلەش قاتارلىقلاردۇر.
  5. شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللارنى چەكلەش ۋە توسۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
  6. يەھۇدىي، ناسارالارنى سۆككەن ۋە ئەيىپلىگەن ئايەت-ھەدىسلەر بىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
  7. بىزنىڭ دىنىمىزدا دەلىل، ھۆججەت بولمىغان ئىشلاردا جاھىلىيەت ئەھلىگە، يەھۇدىي، ناسارالارغا ئوخشىۋېلىش چەكلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ