عن عبادة بن الصامت رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم "مَنْ شهِد أنْ لا إله إلا الله وحده لا شرِيك له وأنَّ محمَّدا عبده ورسُولُه، وأنَّ عِيسى عبدُ الله ورسُولُه وكَلِمَتُه أَلقَاها إِلى مريم ورُوُحٌ مِنه، والجنَّة حَقٌّ والنَّار حقٌّ، أَدْخَلَه الله الجنَّة على ما كان مِنَ العمَل".
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى يەككە-يېگانە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھ تائالا مەريەمگە «ۋۇجۇدقا كەل» دەپ تاشلىغان بىر سۆزىدۇر، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر رۇھتۇر، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر، دەپ چىن قەلبىدىن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قانداق ئەمەل قىلغانلىقىدىن قەتئى نەزەر جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس بىزگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى: كىمىكى تەۋھىد سۆزى بولغان «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسە ۋە يەنە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ ئىشەنسە ۋە ئىتراپ قىلسا، ئۇ ئەيسا ئەلەيھسسالامنى ئاللاھ تائالا «كۇن» دېگەن سۆزى بىلەن مەريەمدىن ياراتقان دەپ ئىشەنسە، يەھۇدىلار مەريەم ئەلەيھىسسالامغا توقۇغان بۆھتاندىن ئۇنى پاك دەپ قارىسا، مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە، كاپىرلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، كىمىكى يۇقارقى ئىشەنچ-ئىمان بىلەن ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئەمەل-ئىبادىتى قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر جەننەتكە كېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىشارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ