+ -

عن عبد الله ابن عباس رضي الله عنهما مرفوعاً: «إن الله تَجَاوزَ لِي عن أمتي الخطأَ والنِّسْيانَ وما اسْتُكْرِهُوا عليه».
[صحيح لطرقه] - [رواه ابن ماجه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبلىرىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى»
[ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ قەستەن قىلماستىن، خاتالىق بىلەن سادىر بولغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى، ئۇنتۇلۇپ قىلىپ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى لېكىن قىلالمىغان پەرز ئەمەللىرىنى ئىسىگە كەلگەندە دەرھال ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە جىنايەتلەردىن مەجبۇرى قىلىنغانلىرى بولسا بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ»تەرجىمىسى:«سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»ھەج سۈرىسى 78-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى تېلوگوچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي دىررىيچە تەرجىمىسى. ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. المقدونية الخميرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ