عَنْ جَابِرٍ رضي الله عنه قَالَ:
أَتَى النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رَجُلٌ فَقَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، مَا الْمُوجِبَتَانِ؟ فَقَالَ: «مَنْ مَاتَ لَا يُشْرِكُ بِاللهِ شَيْئًا دَخَلَ الْجَنَّةَ، وَمَنْ مَاتَ يُشْرِكُ بِاللهِ شَيْئًا دَخَلَ النَّارَ»

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: جەننەتكە كېرىشنى ۋە دوزاخقا كېرىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتىن سورىدى؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت؛ ئىنسان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولۇش دەپ جاۋاپ بەردى. دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت بولسا: ئىنسان ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا ئىلاھلىقتا، رەبلىكتە ياكى ئىسىم-سۈپەتتە بىر نەرسىنى باراۋەر قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي مۇئ‍مىن ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ.
  2. شېرىكنىڭ خەتىرى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ.
  3. تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئاسىيلىرى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خالىسا ئازاپلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ