عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«قَالَ اللهُ تَبَارَكَ وَتَعَالَى: أَنَا أَغْنَى الشُّرَكَاءِ عَنِ الشِّرْكِ، مَنْ عَمِلَ عَمَلًا أَشْرَكَ فِيهِ مَعِي غَيْرِي تَرَكْتُهُ وَشِرْكَهُ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2985]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2985]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ شېرىكلەرنىڭ شېرىكلىكىدىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەتتۇر. ئىنسان تائەت-ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئەمەلنى تاشلىۋېتىدۇ، ئۇ كىشىدىن قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنى ساھىبىغا قايتۇرىۋېتىدۇ. ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەمەللەردىن پەقەت ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىنغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. شېرىك ۋە ئۇنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى شېرىك دېگەن: ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.
  2. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكى، كاتتىلىقىنى ھېس قىلىش بولسا، ئەمەلنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (66)
تېخىمۇ كۆپ