عَنِ النُّعْمَانِ بْنِ بَشِيرٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«مَثَلُ القَائِمِ عَلَى حُدُودِ اللَّهِ وَالوَاقِعِ فِيهَا، كَمَثَلِ قَوْمٍ اسْتَهَمُوا عَلَى سَفِينَةٍ، فَأَصَابَ بَعْضُهُمْ أَعْلاَهَا وَبَعْضُهُمْ أَسْفَلَهَا، فَكَانَ الَّذِينَ فِي أَسْفَلِهَا إِذَا اسْتَقَوْا مِنَ المَاءِ مَرُّوا عَلَى مَنْ فَوْقَهُمْ، فَقَالُوا: لَوْ أَنَّا خَرَقْنَا فِي نَصِيبِنَا خَرْقًا وَلَمْ نُؤْذِ مَنْ فَوْقَنَا، فَإِنْ يَتْرُكُوهُمْ وَمَا أَرَادُوا هَلَكُوا جَمِيعًا، وَإِنْ أَخَذُوا عَلَى أَيْدِيهِمْ نَجَوْا، وَنَجَوْا جَمِيعًا».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

نۇئ‍مان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچى ئۈچۈن بۇ ھەدىس تېپىك مىسالدۇر ياخشىلىقنى تەرك قىلىپ، يامان ئىشقا يۈزلىنىپ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ئۈچۈن مىسال بايان قىلىپ بەردى. جەمئىيەتنىڭ نىجات تىپىشىدا بۇنىڭ زور تەسىرى بولىدۇ، بۇ بىر كېمىگە بىرگە چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن، ئەگەر ئۈستۈن قەۋەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويغان بولسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، (يەنى ئۇ ئىشتىن چەكلىسە)، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. جەمئىيەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قۇتۇلدۇرۇشتا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ئەھمىيتى بايان قىلىنىدۇ.
  2. مىسال بايان قىلىشمۇ تەلىمنىڭ يوللىرىدىن بولۇپ، مەسىلىنىڭ مەنىسىنى ھىسسى سۈرەتتە ئەقىلگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
  3. بۇزۇقچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىش ۋە ئۇنى چەكلىمەسلىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋەتتە جەمئىيەتكە زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
  4. جەمئىيەتنىڭ ۋەيران ۋە ھالاك بولىشى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنى زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش بىلەن بولىدۇ.
  5. نىيەت ياخشى دەپ خاتا ئىش قىلسا، بۇ قىلغان ئىشنىڭ ياخشى بولىشىغا كۇپايە قىلمايدۇ.
  6. مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ مەسئۇلىيتى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولۇپ مەلۇم بىر شەخسكە ئالاقىدار بولمايدۇ.
  7. ئەگەر يامان ئىش ئىنكار قىلىنمىسا، بىر كىشىنىڭ خاتالىقى بىلەن ھەممەيلەن ئازابلىنىدۇ.
  8. بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ناچار ئىشلىرىنى مۇناپىقلارغا ئوخشاش جەمئىيەتكە ياخشىلىق قىلىپىدا ئاشكارا قىلىدۇ.