ھەدىسلەر تىزىملىكى

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: قېيىنچىلىق، ئاسانچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىمۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
دىن سەمىمىيەتتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ ئۇنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مېنىشىگە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ. ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبان بولغايسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە گۇناھغا بۇيرىمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن بۇيرۇقنى ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى زۆرۈردۇر، ئەگەرگۇناھقا بۇيرۇسا، بۇيرۇقنى ئاڭلاشقا ۋە بوي سۇنۇشقا بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزنى داغلاشتىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم) غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا، ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ مېنى نامازدىن مەشغۇل قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا تەقسىم قىلىپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر قانداق كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغىرلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە رۇخسەت قىلدى، سىلەرگە رۇخسەت قىلمىدى. ماڭا پەقەت كۈندۈزى ئازراق مۇددەت رۇخسەت قىلىندى، بۈگۈن ئۇنىڭ ھاراملىقى تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا قايتىپ كەلدى، شۇئان ھازىر بولغانلار غائىپ بولغانلارغا يەتكۈزۈپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بارسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى تۇتۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية