عن عائشة رضي الله عنها قالت: سمعتُ من رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول في بيتي هذا:
«اللَّهُمَّ مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَشَقَّ عَلَيْهِمْ فَاشْقُقْ عَلَيْهِ، وَمَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَرَفَقَ بِهِمْ فَارْفُقْ بِهِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنى قىلغان قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالاشنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدىغانقى توغرىسىدا دۇئا قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىگە مەسئۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
  2. جازا-مۇكاپات قىلىنغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
  3. مېھرىبانلىق ۋە قاتتىقلىقتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆلچەم بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە زىت بولمىغان نەرسىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ