عن عائشة رضي الله عنها قالت: كان خُلُقُ نَبي اللِه صلى الله عليه وسلم القرآن.
[صحيح] - [رواه مسلم في جملة حديثٍ طويلٍ]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، چەكلىگەندىن يىراق بولاتتى، مەيلى ئاللاھ تائالاغا قىلنىدىغان ئىبادەت بولسۇن ياكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانماقچى بولىدىكەنمىز چوقۇم قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشارەت بار