عن علي بن أبي طالب رضي الله عنه أنَّ رسولَ الله صلى الله عليه وسلم كان إذا قامَ إلى الصلاة، قال: «وَجَّهتُ وجهي للذي فطر السماوات والأرض حنيفًا، وما أنا من المشركين، إنَّ صلاتي، ونُسُكي، ومَحياي، ومماتي لله رب العالمين، لا شريك له، وبذلك أُمِرتُ وأنا من المسلمين، اللهمَّ أنت المَلِك لا إله إلَّا أنت، أنت ربي، وأنا عبدك، ظلمتُ نفسي، واعترفتُ بذنبي، فاغفر لي ذنوبي جميعًا، إنه لا يغفر الذنوب إلا أنت، واهدني لأحسن الأخلاق لا يهدي لأحسنها إلا أنت، واصرف عني سيئَها لا يصرف عني سيئها إلا أنت، لبَّيْك وسَعْدَيْك، والخيرُ كله في يديك، والشر ليس إليك، أنا بك وإليك، تباركتَ وتعاليتَ، أستغفرك وأتوب إليك»، وإذا ركع، قال: «اللهمَّ لك ركعتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، خشع لك سمعي، وبصري، ومُخِّي، وعظمي، وعَصَبي»، وإذا رفع، قال: «اللهم ربنا لك الحمد مِلءَ السماوات، ومِلءَ الأرض، ومِلءَ ما بينهما، ومِلءَ ما شئتَ من شيء بعد»، وإذا سجد، قال: «اللهم لك سجدتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، سجد وجهي للذي خلقه، وصوَّره، وشقَّ سمعَه وبصرَه، تبارك الله أحسنُ الخالقين»، ثم يكون من آخر ما يقول بين التشهُّد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسرفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت المُقَدِّم وأنت المؤَخِّر، لا إله إلا أنت».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم» يەنى ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، ئاسمان زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، باشقا ئىلاھلاردىن يۈز ئۆرىدىم، چۈنكى مەخلۇقلارنى بۇ شەكىلدە گۈزەل، پۇختا ياراتقان زات يۈزلىنىشكە، قەلىبلەر ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، باشقىغا نەزىرىنى سالماي، رازىلىقى ۋە ياخشىلىقىنى ئۈمد قىلىشقا لايىق. «توغرا يولدا بولۇپ، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى باتىل دىنلاردىن ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنىغا بۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرغان كىشىمەن. ئەرەب تىلىدا «حنيف» دېگەن سۆز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئىشلىتىلگەن. «نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى نامىزىم، ئىبادىتىم، پائالىيەتلىرىم پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھېچبىرىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن، يەنە شۇنىڭدەك ھاياتىم ۋە ئۆلۈمۈم ياراتقان ۋە تەقدىرىنى پۈتكەن، بۇ ئىككى ئىشقا ھىچكىمنى ئارىلاشتۇرمىغان، زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىشلىرىدا شېرىكى يوق ئاللاھقا مەنسۈپتۇر، مېنى رەببىم تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا بۇيرىدى، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن، دېدى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن» دېدى. يەنى: ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھ، سەندىن باشقا پادىشاھ يوقتۇر، سەندىن باشقىلارنىڭ ھەقىقى پادىشاھلىقى يوق، سەن ئىلاھلىق سەلتەنەتىدە يەككە-يىگانىسەن، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق كىشى يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، مەن سېنىڭ بەندەڭ، سېنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتى قىلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىپ ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئىتراپ قىلدىم، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، چۈنكى سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «مېنى ئەخلاقلارنىڭ ياخشىسىغا يېتەكلىگىن، ئۇنىڭ ياخشىسىغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، يامان ئەخلاقلاردىن مېنى قايتۇرغىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن پەقەت سەنلا قايتۇرىسەن» يەنى: ماڭا ئىبادەتتە ۋە باشقا ئىشلاردىكى يوشۇرۇن، ئاشكارا گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى كۆرسەتكىن، ماڭا مۇۋاپىقىيەت بېرىپ چىڭ تۇرغۇزغىن ۋە مىنى يەتكۈزگىن. «مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن» يەنى: ساڭا ئىتائەت قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن، ساڭا ئىتائەت قىلىپ، دەۋىتىڭگە ئاۋاز قوشۇش بىلەن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھېساپلايمەن. «ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر» يەنى: بارلىق ياخشىلىق سىنىڭ باشقۇرۇشۇڭ ئىچىدە، سەن ئىگە بولۇپ خالىغىنىڭچە باشقۇرىسەن. «يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس» يەنى: يامانلىق مەخلۇقاتلىرىڭ ئىچىدە سىنىڭ قىلىشىڭ بىلەن ئەمەس، تەسىرىڭ بىلەن يۈز بىرىدۇ. يامانلىقنى ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئىشلىرى ۋە ئىسىملىرىغا چېتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زاتى ھەممە تەرەپتىن مۇتلەق مۇكەممەل، بارلىق سۈپەتلىرى مۇكەممەل سۈپەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا مەدھىيىلىنىدۇ ۋە ياخشى تەرىپى قىلىنىدۇ. بارلىق ئىشلىرى ياخشىلىق، رەھمەت، ئادالەت ۋە ھىكمەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ يامانلىق يوق. ھەممە ئىسىملىرى گۈزەل تۇرسا ئاللاھقا قانداقمۇ يامانلىق مەنسۇپ قىلىنسۇن؟، لېكىن يامانلىق ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئايرىم ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشى ئۇنىڭ تەسىرىدىن باشقا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى ياخشى. ئەمما تەسىر قوبۇل قىلىدىغان مەخلۇقتا ياخشىلىق- يامانلىق بولىدۇ، يامانلىق يارىتىلغان لېكىن ئاللاھ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان ئايرىم ئىش بولسا، ئۇنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھ يامانلىقنى ياراتمىغان دەپ قارايدىغان مۆئتەزىلە پىرقىسى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغانلىق ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ ياخشىلىق يامانلىقنى، شۇنداقلا بارلىق شەيئىنى ياراتقۇچىدۇر. «مەن سەن بىلەن، ساڭا» يەنى" سەن بىلەن پاناھلىنىمەن ۋە ساڭا تايىنىپ تۇرىمەن، ساڭا قايتىپ، ئىلتىجا قىلىپ يېلىنىمەن، ياكى سەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم ۋە ئىشىم ساڭا يەتتى، سەن باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسىسەن. «سەن بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىمەن ۋە ساڭا يۈزلىنىمەن» دېگەنلىك دېگۈچىلەرمۇ بار. «سەن ئۇلۇغ ۋە ئۈستۈنسەن»، يەنى: ئۇلۇغسەن، بۈيۈكسەن، ياخشىلىقىڭ كۆپتۇر، خىياللاردا ئويلاپ، ئەقىللەردە تەسەۋۋۇر قىلغاندىن ئۈستۈنسەن ۋە ئەيىپ-نوقساندىن پاكسەن. «سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»، يەنى: ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە كىيىنكى ئۆمرۈمدە ئۆلگەنگە قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ ساڭا يۈزلىنىپ، گۇناھ قىلىشتىن قايتىمەن. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئاللاھ! ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، نىرۋام، مىڭەم ۋە پەيلىرىم ساڭا بويسۇندى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارلىقى توشقۇدەك ۋە باشقا سەن خالىغان جايلار توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر» دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن تائەت ئىبادەتتە كىمنى خالىساڭ ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كىمنى خالىساڭ كېيىن قالدۇرغۇچى زاتسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ