عن عائشة رضي الله عنها عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «مَنْ ظَلَم قِيدَ شِبْرٍ مِن الأرْضِ؛ طُوِّقَهُ مِن سَبْعِ أَرَضِين».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىر غېرىچ زېمىنغا زۇلۇم قىلسا، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ مىقدارىدا بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
بىر ئىنساننىڭ مىلى يەنە بىر ئىنسانغا ھارامدۇر، بىر ئادەمنىڭ يەنە بېرىنىڭ ھەققىدىن بىرەر نەرسىنى رازىلىقىسىز ئېلىشى ھالال بولمايدۇ، زېمىندا زۇلۇم قىلىش: زۇلۇم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ مۇددىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يامان زۇلۇمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، زېمىندىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىنى، ئىگەللىۋىلىش ئارقىلىق زېمىن ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىقىغا جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ گەردىنى قاتتىق ۋە ئۇزۇن قىلىنىپ، ئۇ بۇلىغان زېمىن ۋە ئاستىدىكى نەرسىلەر يەتتە قات زېمىنغىچە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئومۇمنىڭ زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن، ئىگەللىۋالماستىن ئىشلىتىش ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، "ئەلمۇغنى" دا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "چوڭ كوچىلاردا، يوللار ۋە بىنالارنىڭ ئارىسىدىكى بوش جايلارنى كەڭرى بولسۇن ياكى تار بولسۇن، ياكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن بىر كىشىنىڭ ئىگەللىۋىلىش ھەققى يوق، چۈنكى بۇ جايدا ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئورتاق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ جايلار ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، بىرەر مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلماستىن، قاتناشقا زېيان يەتكۈزمەستىن، ئىلىم-سېتىم ئۈچۈن كەڭ جايدا ئولتۇرۇپ پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ زامانلاردىن بىرى ھەر قايسى شەھەر ئەھلى ئىنكار قىلماي، ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولۇپ، كىسىپ ئۆتۈشكە ئوخشاش رۇخسەت ئىش بىلەن باشقىلارغا زېيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا پايدىلانسا چەكلەنمەيدۇ