ھەدىسلەر تىزىملىكى

جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆز ئۈستىگە (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش) بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلەپ: ئۇنداق قىلىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «بىر ئىشقا» قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىشنى خەيرلىك دەپ قارىسام، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان شۇ ئىشنى قىلىمەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئىككى خوشنام بار بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلماقچى بولسام، قايسىسىغا قىلسام توغرا بولىدۇ، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قايسىسىنىڭ ئىشىگى ساڭا يېقىن بولسا شۇنىڭغا قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەككە پەتھىدىن كېيىن ھىجرەت يوق، لېكىن جىھاد ۋە ئۇنىڭغا نىيەت قېلىش مەۋجۇتتۇر، ئەگەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى قەسەم بىلەن ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى بىر غېرىچ زېمىنغا زۇلۇم قىلسا، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ مىقدارىدا بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
شەكسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى، مال ئالمايدىغان تۇرۇپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇشنى، بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشى، بىرسىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مەسىلىنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەلۋەتتە سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى يېزىپ قويماستىن ئىككى كېچە ئۇخلىشىغا ھەقلىق ئەمەس
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ ئوخشىشىنى زېيان تارتقان كېشىنىڭ يېنىدىن تاپقان بولسا، ئۇ كىشى ئۇ مالغا ئېگە بولۇشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كارۋانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سودا قىلىشتىن ۋە شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشىدىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان
عربي الإنجليزية الأوردية
ئې رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! مەن خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئېرىشتىم، مەن ئىلگىرى بۇنىڭدىن ئەتىۋارلىقراق بىر مالغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلىشىمنى بۇيرۇيلا؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەخپە قىلغىن ۋە چىققان ھوسۇلنى سەدىقە قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىت سېتىپ تاپقان پۇلدىن، جىسمىنى سېتىپ تاپقان پۇلدىن، جىنكەشلىك قىلىپ تاپقان پۇلدىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئېلىۋالدى، دەپ قارامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنىمۇ ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
گەرچە ئۇنى بىر دىرھەمگە بەرسىمۇ سېتىۋالمىغىن ۋە سەدىقەڭنى قايتۇرۋالمىغىن! ھەدىيەنى قايتۇرۇۋالغۇچى، قۇسۇقىنى قايتۇرۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سوغات بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالغان كىشى، قۇسۇقىنى قايتۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى بىرەر نەرسىنى ئارىيەت ئالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى ياكى ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنى تاپشۇرىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق قىلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ بولغان كىشىلەردىن ئىدۇق، يەرنى كىراغا بېرەتتۇق ۋە بۇ تەرەپتە ئۈنگىنىنى بىزگە، ئۇ تەرەپتە ئۈنگىنىنى تېرىغۇچىلارغا دەپ ئايرىيتۇق، بەزى يىلى بۇ تەرەپتە بىر نەرسە ئۈنمەي، ئۇ تەرەپتە ئۈنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ شەكىلدە يەرنى ئىجارىگە بېرىشتىن چەكلەندۇق، ئەمما كۆمۈشكە(نەخ پۇلغا) ئېجارىگە بېرىشتىن چەكلەنمىدۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش كۈمۈشنى ئوخشاش كۈمۈشكە تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. شۇنىڭدەك نەخ ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتماڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
خوشنا خوشنىسىنى تېمىغا ياغىچىنى كىرگۈزىشىدىن چەكلىمىسۇن، ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن يۈز ئۆرىۋاتقىنىڭلارنى كۆرىۋاتىمەن! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنى ئاراڭلاردا ئوموملاشتۇرىمەن،- دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنى ئۇ قۇلنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە دوزاختىن ئازات قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى بېرىپ ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان
عربي الإنجليزية الأوردية
سۇلايمان ئىبنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە يەتمىش ئايالىمنى ئايلىنىمەن، ئۇ ئاياللارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغان چەۋەنداز تۇغىدۇ دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى
عربي الإنجليزية الأوردية
شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان
عربي الإنجليزية الأوردية
بازارغا كىرىۋاتقان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئېلىۋالماڭلار، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ پۈتۈپ بولغان سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى سودا قىلمىسۇن، شەھەرلىك سەھرالىققا بىرنەرسە ساتمىسۇن، تۆگىنىڭ ۋە قوينىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىتىپ ساتماڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئەھلىنى ئۆز زېمىنىدىن چىقىدىغان خورما ياكى زىرائەتلەرنىڭ تەڭ يېرىمىنى تۆلەشكە پۈتۈشتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئالتۇن ياكى كۈمۈش تىپىۋىلىنسا قانداق قىلىش توغرۇلۇق سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنى بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتكىن، ئەمما ئۇ سەندىكى ئامانەتتەك بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار
عربي الإنجليزية الأوردية
بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى ئۇ كىشىگە راس سۆزلىدىڭ دېدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلەم ۋاقىتقىچە قەرىز بېرىپ تۇردى
عربي الإنجليزية الأوردية
مىراسقا ئىگە بولۇش ئىنئام قىلغان كىشىگە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇققانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇققىنى ھۆر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأيغورية
سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا: «سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم چاغلىق مال قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية