عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: «نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم أن تُتَلَقَّى الرُّكْبَانُ، وأن يبيع حاضرٌ لِبَادٍ، قال: فقلت لابن عباس: ما قوله حاضرٌ لِبَادٍ؟ قال: لا يكون له سِمْسَارًا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كارۋانلارنىڭ ئالدىغا چېقىپ سودا قىلىشتىن ۋە شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشىدىن چەكلىدى»، راۋى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشى دېگەن نېمە؟» دەپ سورىسام، ئۇنىڭ ئۈچۈن دەللال بولمىسۇن (ئوتتۇردا ۋاستە بولمىسۇن) دېگەنلىك دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا ياكى ئۇ ئىككىسىدىن باشقىلارغا زېيان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان بىر قانچە تۈرلۈك سودىنى قېلىشتىن چەكلەيدۇ، بىرىنچى: ئاشلىق ياكى چارۋىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلار بازارغا يېتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋىلىشتىن چەكلەش بولۇپ، ئۇلار بازار باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە سودىلىرىدا ئالدىنىپ قىلىپ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، خەتەرلەرگە دۈچ كىلىپ، ئېرىشىش يولىدا ھېرىپ-چارچىغان رېزىقلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى ھېچ بىر جاپا تارتمىغان كىشىنىڭ تەييار رىزىقى بولۇپ قالىدۇ، ئىككىنچى: يېزا ياكى سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى شۇ كۈنلۈك باھادا ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق ۋە ھاجىتىگە يەتكۈدەك باھادا سېتىش ئۈچۈن شەھەرگە كېلىدۇ، شەھەرلىك ئادەم ئۇنىڭغا: «ساتىدىغان نەرسەڭنى مېنىڭ يېنىمدا قويۇپ قويغىن، مەن ئالدىرماي باھاسىغا چىقىرىپ سېتىپ قوياي» دەيدۇ، بۇ شەھەر خەلقىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر، شەرىئەت شەھەر سىرتىدىن مال ساتقىلى كەلگەن كىشىنىڭ ھەققىنى ۋە شەھەر ئەھلىنىڭ ھەققىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ