عن أبي بكرة -ضي الله عنه- مرفوعاً: «إِنَّ الزمانَ قَدِ اسْتَدَارَ كَهَيْئَتِهِ يَوْمَ خَلَقَ اللهُ السَّمَاوَاتِ والأَرْضَ: السنةُ اثنا عَشَرَ شَهْرًا، منها أربعةٌ حُرُمٌ: ثلاثٌ مُتَوَالِيَاتٌ: ذُو القَعْدَةِ، وذُو الحَجَّةِ، والمحرمُ، ورَجَبُ مُضَرَ الذي بين جُمَادَى وشَعْبَانَ، أَيُّ شَهْرٍ هَذَا؟» قلنا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظننا أنه سَيُسَمِّيهِ بغير اسمه، قال: «أَلَيْسَ ذَا الحَجَّةِ؟» قُلْنَا: بَلَى. قال: «فأَيُّ بَلَدٍ هَذَا؟» قلنا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظننا أنه سُيَسَمِّيهِ بغير اسمه. قال: «أَلَيْسَ البَلْدَةَ؟» قلنا: بلى. قال: «فأَيُّ يَوْمٍ هَذَا؟» قُلْنَا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظَنَنَّا أنه سيسميه بغير اسمه. قال: «أَلَيْسَ يَوْمَ النَّحْرِ؟» قلنا: بَلَى. قال: «فَإِّنَّ دِمَاءَكُمْ وأَمْوَالَكُمْ وأَعْرَاضَكُمْ عَلَيْكُمْ حَرَامٌ، كَحُرْمَةِ يَوْمِكُمْ هَذَا في بَلَدِكُمْ هَذَا فِي شَهْرِكُمْ هَذَا، وَسَتَلْقَونَ رَبَّكُمْ فَيَسْأَلُكُمْ عَنْ أَعْمَالِكُمْ، أَلَا فَلَا تَرْجِعُوا بَعْدِي كُفَّارًا يَضْرِبُ بَعْضُكُم رِقَابَ بَعْضٍ، أَلَا لِيُبَلِّغِ الشَّاهِدُ الغَائِبَ، فَلَعَلَّ بَعْضَ مَنْ يَبْلُغُهُ أَنْ يكونَ أَوْعَى لَهُ مِنْ بَعْضِ مَنْ سَمِعَهُ»، ثُمَّ قال: «أَلَا هَلْ بَلَّغْتُ، أَلَا هَلْ بَلَّغْتُ؟» قلنا: نعم. قال: «اللَّهُمَّ اشْهَدْ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ئاي قايسى ئاي؟ دەپ سورىدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇ ئاينى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ دېۋىدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېدى. بىز ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ مەككە ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ قايسى كۈن؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولىسلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن سورايدۇ، مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، سورۇندىكىلەر باشقىلارغا يەتكۈزسۇن، بەزى يەتكۈزۈلگەنلەر ئاڭلىغانلاردىن زىرەكرەك، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا سورىغان ئىدى. بىز: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيىت كۈنى (ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلغاندا) خۇتبە سۆزلەپ شۇنداق بايان قىلدى، ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايلارنى كىچىكتۈرۈش داۋاملىشىپ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ياراتقان ئەسلى ۋاقتىغا قايتا ئۇدۇل كەلدى. چۈنكى مۇشرىكلار جاھىلىيەتتە «ئۆز زامانىسىدا» ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ ئايلارنى ئارقىغا سۈردۇق، ئۆزگەرتتۇق دەپ ئۇرۇش قىلىۋىرەتتى. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال، ھالال قىلىنغان ئايلارنى ھارام قىلىۋالاتتى. بۇ كۈندە رەسۇلۇللاھ بۇنداق بايان قىلدى، ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ ئۇلار: مۇھەررەم، سەپەر، رەبىئۇل ئەۋۋەل، رەبىئۇس سانى، جۇمادەل ئۇلا، جۇمادا ئەسسانىيە، رەجەب، شەئبان، رامىزان، شەۋۋال، زۇلقىئدە، زۇلھەججەلەردىن ئىبارەت. مانا بۇ ئون ئىككى ئاينى ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىنلارنى ياراتقاندا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئايلارنىڭ تورتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، ئۈچى ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، بىرى يەككە كېلىدۇ. ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان ئۈچ ئاي زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەملەر، بۇ ئايلارنى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار قىلدى، بۇ ئايلاردا كىشىلەر بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايلاردا ھاجىلار كەئبىگە قاراپ يول ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەپىرى ئۇرۇش سەۋەبلىك توسالغۇغا ئوچرىماسلىق ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئاينى ھارام قىلىشتىكى ھىكمىتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: يەنە بىرى شەئبان بىلەن جۇمادا ئەسسانىيە ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. بۇ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ تورتىنچىسى. جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر بۇ ئاينى ئۆمرىگە خاس قىلىپ ئۇ ئايدا ئۆمرىنى كۆپ قىلاتتى. يۇقىرىقى ئۈچ ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھەج سەۋەبىدىن ھارام قىلىنغان بولسا، بۇ ئايدا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن بۇ قايسى ئاي؟ بۇ قايسى شەھەر؟ بۇ قايسى كۈن دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى تارتىش ۋە ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن سورىدى. چۈنكى ئوتتۇرغا قويۇلۇدىغان بۇ ئىش بۈيۈك ئىش ئىدى. ئۇلاردىن بۇ قايسى ئاي؟ دەپ سوىغاندا، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمىنڭ ئېنىق بولغان زۇلھەججەدىن ئىبارەت بۇ ئاينىڭ ئىسمىنى سورىغانلىقىنى يىراق سانىدى. ساھابىلەر بۈيۈك ئەدەپ-ئەخلاق ئىگىلىرى بولغانلىقتىن، ئۇلار: بۇ زۇلھەججە ئېيى، دېمىدى. چۈنكى ئۇ ئېنىق بىر مەسىلە ئىدى. رەسۇلۇللاھقا ناھايىتى يۇقىرى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇردى. چۈنكى ئىنسان بىر ئاز سۆز قىلغاندىن كېيىن جىم تۇرسا كىشىلەر ئۇنىڭغا دېققەت قىلىدۇ. ئەبۇ بەكرە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە. ساھابىلەر: شۇنداق دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېگەندە ساھابىلەر مەككە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئالاھىدە بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ بىر ئېنىق ئىش تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ سورايلا؟ دېمىگەن. بەلكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇرغان ئىدى، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلىشتى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: بۇ ھارام قىلىنغان شەھەر ئەمەسمۇ؟ دېدى. «البلدة» دېگەن، مەككىنىڭ ئىسىمىلىرىدىن بىرى. ساھابىلەر شۇ ۋاقىتتا: شۇنداق، دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى كۈن؟ دېگەن ئىدى. ساھابىلەر: ئىلگىرى جاۋاب بەرگەندەكلا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: قۇربان ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى. ئۇلار: شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ، دېدى. ئۇلار مەككە شەھرىنىڭ ھارام قىلىنغان شەھەر، زۇلھەججە ئېينىڭ ھارام قىلىنغان ئاي، قۇربان ھېيىت كۈنىنىڭ ھارام قىلىنغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. يەنى بارلىق زامان ۋە ماكان ھەممىسى ھارام قىلىنغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سىلەرگە بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ۋە يۈز-ئابرۇيىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئۈچ جۈملىنى قاتتىق تەكىتلىدى، جان، مال، يۈز-ئابرۇي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. جان بولسا ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋىنىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مال مەيلى ئۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈز-ئابرۇي زىنانى، بەچچىغەرلىكنى، بۆھتاننى، بەلكى غەيۋەت، ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئۈچ ئىشلاردا مۇسۇلمان كىشى قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىشى ھارامدۇر. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: سىلەر مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، دېدى. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناش بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرسە كاپىر بولىدۇ. كاپىرلارلا مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سورۇندىكىلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىسىگە ھازىر بولۇپ ئۇنى ئاڭلىغانلار بۇ سورۇنغا قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلدىكى، گاھى يەتكۈزۈلگەنلەر سورۇنغا كېلىپ ئاڭلىغانلاردىن زىرەك، چىچەن بولىشى مۈمكىن. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بولغان ۋەسىيەت شۇ سورۇنغا قاتناشقان ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭ ھەدىسىنى ئاڭلىغانلارغا قارىتىلىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا ساھابىلەردىن سورىدى. ساھابىلەر: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى