عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إِذَا نُودِيَ بالصَّلاَةِ، أدْبَرَ الشَّيْطَانُ، وَلَهُ ضُرَاطٌ حَتَّى لاَ يَسْمَعَ التَّأذِينَ، فَإذَا قُضِيَ النِّدَاءُ أقْبَلَ، حَتَّى إِذَا ثُوِّبَ للصَّلاةِ أدْبَرَ، حَتَّى إِذَا قُضِيَ التَّثْوِيبُ أقْبَلَ، حَتَّى يَخْطِرَ بَيْنَ المَرْءِ وَنَفْسِهِ، يَقُولُ: اذْكُرْ كَذَا واذكر كَذَا - لِمَا لَمْ يَذْكُر مِنْ قَبْلُ - حَتَّى يَظَلَّ الرَّجُلُ مَا يَدْرِي كَمْ صَلَّى».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا شەيتان كەينىگە بۇرۇلۇپ يەل قويۇۋېتىپ ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايغىچە قاچىدۇ. ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندا قايتىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سالىدۇ، ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ ئىلگىرى يادىغا يەتمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانچە رەكەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇئەززىن نامازغا ئەزان ئوقۇغاندا شەيتان كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەزان ئوقۇلغان جايدىن ئايرىلىپ ئەزاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن يىراققا قېچىپ كېتىدۇ، ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قەستەن يەل قويۇۋېتىپ ئوسۇرۇق ئاۋازى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ياكى نادان كىشىلەردەك ئەزاننى كۆزگە ئىلماي يەل قويۇۋېتىدۇ. ناماز تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قارشىسىدا قەستەن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن ياكى قەستەن يەل قويۇۋەتمىگەندىمۇ بەلكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا بەك قورقۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەزان ئاخىرلاشقاندا قايتىپ كېلىدۇ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ نامازغا تۇرغاندا قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ۋەسۋەسە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: تۆگىنىڭ قۇيرىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يوتىسىغا ئۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر، شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن قېچىپ كېتىدۇ. مانا بۇ سۈرە ناس 4-ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر: «كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇچى شەيتانلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتقان كىشى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە يىراق بولىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىگە ۋەسۋەسە قىلىپ: ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېسىگە كەلمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نامازدىن بولغان مەقسەت-نىشانىنى ئۇنتۇپ، قانچىلىك ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شەيتاننىڭ نامازغا تۇرغاندا كېلىشى: نامازدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، بەندە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ شەيتاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسىنى بۇزۇش ۋە دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈندۇر. بەزى رىۋايەتلەردە: شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، قىيامەت كۈنىدە ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىگە ھازىر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىققا تارتىلماسلىقى ئۈچۈندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ