عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «قال الله تعالى : أَعْدَدْتُ لعِبَادي الصَّالحين ما لا عَيْنٌ رأَت، ولا أُذُنٌ سَمِعَت، ولا خَطَر على قَلب بَشَر، واقْرَؤُوا إن شِئْتُمْ: (فلا تَعلم نفس ما أُخْفِي لهم من قُرَّة أَعْيُنِ جَزَاء بما كانوا يعملون). عن سهل بن سعد رضي الله عنه قال: شَهدت من النبي صلى الله عليه وسلم مَجْلِسَا وَصَفَ فيه الجَنَّة حتى انتهى، ثم قال في آخر حديثه: «فيها ما لا عَيْنٌ رأَت، ولا أُذُنٌ سَمِعَت، ولا خَطَر على قَلب بَشَر» ثم قرأ:(تتجافى جُنُوبهم عن المَضَاجِع) إلى قوله تعالى :(فلا تعلم نفس ما أُخْفِي لهم من قُرَّة أَعْيُنِ).
[صحيح] - [حديث أبي هريرة متفق عليه. حديث سهل بن سعد رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى: 17-ئايەت. سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار بىر سورۇنغا ھازىر بولدۇم، ئۇ سورۇندا جەننەت سۈپەتلەندى، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەر بار» دەپ، بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 16-17-ئايەت
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان سالىھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى، ئاجايىپ سۈپەتلەر ۋە يېقىملىق ئاۋازلاردىن قۇلاق ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدى، بۇ يەردە كۆرۈش بىلەن ئاڭلاشنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت: ھېسسى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئەزا بىلەن بىلىنىدۇ، ئەمما پۇراش ۋە تېتىش، سېلاش بىلەن بۇنىڭدىن ئازراق نەرسە بىلىنىدۇ. «ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان» يەنى: ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچمەيدۇ، جەننەتتە تەييارلانغان نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان خىيالىغا يېقىن نەرسىلەر كېلىدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان، ئاللاھ يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ئىززەت-ئىكرامىدۇر، مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار!، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت. ئايەتنىڭ مەنىسى: ھېچ كىم بىلمەيدۇ دېگەن ئايەت تونۇشسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاچغا بارلىق جانلىقلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان مول نېمەت، كۆپ ياخشىلىق، خۇرسەنلىك، لەززەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان، دۇئا قىلغان ۋە مەخپى قىلغان ئەمەللىرىنى ھېچ كىشى بىلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ مەخپى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان نېمەتلەرنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ» دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ