عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم كان يقول:
«الصَّلَوَاتُ الْخَمْسُ، وَالْجُمُعَةُ إِلَى الْجُمُعَةِ، وَرَمَضَانُ إِلَى رَمَضَانَ، مُكَفِّرَاتٌ مَا بَيْنَهُنَّ إِذَا اجْتَنَبَ الْكَبَائِرَ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن؛ كېچە ۋە كۈندۈزدە ئادا قىلىنغان بەش ۋاقىت ناماز، ھەر ھەپتىدە ئادا قىلىنغان جۈمە ۋە ھەر يىلى تۇتۇلغان رامىزان روزىسى ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئەمما زىنا، ھاراق ئېچىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. گۇناھنىڭ چوڭ ۋە كېچىكى بولىدىغانلىقى.
  2. چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش بولغاندا كېچىك گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
  3. چوڭ گۇناھلار؛ زىنا قىلىش ۋە ھاراق ئېچىش دېگەندەك، دۇنيادا جازا بېكىتىلگەن ياكى ئۇنى قىلغان كىشى ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ياكى لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم بايان قىلىنغان گۇناھلاردۇر.
تېخىمۇ كۆپ