عن أبي أيوب الأنصاري رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«لَا يَحِلُّ لِرَجُلٍ أَنْ يَهْجُرَ أَخَاهُ فَوْقَ ثَلَاثِ لَيَالٍ، يَلْتَقِيَانِ، فَيُعْرِضُ هَذَا وَيُعْرِضُ هَذَا، وَخَيْرُهُمَا الَّذِي يَبْدَأُ بِالسَّلَامِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6077]
المزيــد ...

ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6077]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ تەتۈر قارىشىپ، ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر-بىرىگە سالام قىلماي ۋە سۆز قىلماي يۈرىشىدىن چەكلىدى.
ئاداۋەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاداۋەتنى يوق قىلىپ، كۆڭلىنى كەڭرى تۇتۇپ دەسلەپتە سالامنى باشلىغىنىدۇر. ئەمما شەخسى ئۆچ-ئاداۋەت بولماستىن، ئاللاھ بارىسىدا بىدئەتچى، ئاسىي، مۇناپىقلارنى ۋە يامان ھەمراھلارنى تەرك قىلىشنىڭ بولسا ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق، بۇ تۈردىكى تەرك قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتكە قارىتا بولۇپ، خاتالىق تۈزەلسە چەكلىمە يوق بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاداۋەت تۇتۇشقا ئۈچ كۈنگىچە مۆھلەت بېرىلىش بولسا، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە رىئايە قىلغانلىق بولۇپ، ئاداۋەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۈچ كۈندە چەكلىمە ئەپۇ قىلىنىدۇ.
  2. سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى، چۈنكى سالام ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئاداۋەتنى يوق قىلىدۇ، شۇنداقلا سالام ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتىدۇر.
  3. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىقنىڭ كۈچىيىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ