ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش
عربي الإنجليزية الأوردية
غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خۇشبۇي نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنسا ئۇنى قايتۇرمايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئوغۇل! بىسمىللاھ دېگىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن ئىلىپ يېگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار يېمەك يېسە ئوڭ قولىدا يېسۇن، ئېچىملىك ئىچسە ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن، ھەقىقەتەن شەيتان سول قولىدا يەيدۇ ۋە سول قولىدا ئېچىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ھەرخىل يىپەك كىيىمنى كىيمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا سۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئىككىسىدىن بولغان تەخسىدە تاماق يىمەڭلار! ئۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلارغا ئاخرەتتە سىلەرگە مەنسۇپتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
يىپەك كىيىم كىيمەڭلار! ئۇنى دۇنيادا كىيگەن ئادەمنىڭ ئاخىرەتتە كىيمەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق
عربي الإنجليزية الأوردية
قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟
عربي الإنجليزية الأوردية
ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر تاماقنى ئەيىبلىمىگەن، ياقتۇرسا يەيتتى، ياقتۇرمىسا قويۇپ قوياتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟ دېسەم، ئۇ: «ھەئە» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە ئەپلىك، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۈچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن،
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇناپىقنى"خوجا"دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى خوجا دەپ بىلسەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنى غەزەپلەندۈرىسىلەر
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچى سەدىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچى سەدىقىنى مەخپى قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس
عربي الإنجليزية الأوردية
بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندا قولىنى يالىۋېتىش ياكى يالىتىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئېيتىۋەتمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھاراقنىڭ ھاراملىقى تۇغرىسىدا ئايەت چۈشتى، ئۇ بەش نەرسىدىن ياسىلىدۇ: ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي، ئارپا
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر بىر ئەر، (ياكى بىر ئايال) سىنىڭ رۇخسىتىڭسىز ساڭا كۆزەتچىلىك قىلسا، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن بولساڭ، ساڭا ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىىڭ ئۈستىدە بىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى،. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ قويىدۇ. شەيتان بۇ قىزنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم، بۇ ئەرابى(سەھرالىق)نى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمدا
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندىن كىيىن بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
سەپەر ئازابتىن بىر پارچە
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغزىنى چېقىق، ئىچى كۆرەلمەيدىغان قاچىدا سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن قەتئىي چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بارسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىنىڭ ھالى باغلاقلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا تۆگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كەلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر مۇسۇلمان يەنە بىر بىمار مۇسۇلمان بۇرادىرىنى ئەتتىگەندە زىيارەت قىلسا، يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەچكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
لەنەت ئېيتىلغان تۆگە بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
تىللاشقان ئىككى ئادەمنىڭ گۇناھى: بوزەك قىلىنغىنى ئاشۇرىۋەتمىسىلا، باشتا تىللىغىنىغا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى كىشىلەر! كىم بىر نەرسىنى بىلسە شۇنى دېسۇن، بىلمىگەن كىشى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن، بىلمەيدىغان نەرسىگە "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر»دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ئۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى كەلگەندە بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
شەيتان ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇردا ئاققاندەك ماڭىدۇ، مەن ئىككىڭلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئەنسىرىدىم دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بىللە بىر قانچە مەجۇسىلارنىڭ يىنىدا ئىدۇق، كۆمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلگەندە ئەنەس ئۇنى يېمىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى
عربي الإنجليزية الأيغورية
ئەلەيكەسسالام دېمە، چۈنكى ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام
عربي الإنجليزية الأوردية