عن أنس بن مالك رضي الله عنه:
أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ لَا يَرُدُّ الطِّيبَ.

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 2582]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خۇشبۇي نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنسا ئۇنى قايتۇرمايتتى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 2582]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن، كىشىلەر خۇشبۇي، ئىپار-ئەنبەر، ئەتىر دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلاتتى، چۈنكى ئۇنداق نەرسىلەر ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ۋە خۇشپۇراقدۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەدىيە قىلىنغان خۇشپۇراق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىلىپ يۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىش ھېچ كۈچ تەلەپ قىلمايدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇكەممەل ئەخلاقىدىن، خۇشبۇي نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنسا ئۇنى رەت قىلماسلىق، ھەدىيە قىلغان كىشىنىڭ ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىش.
  3. خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ