عن جُبَير بن مُطْعِم رضي الله عنه أنه سمع النبي صلى الله عليه وسلم يقول:
«لَا يَدْخُلُ الْجَنَّةَ قَاطِعُ رَحِمٍ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جۇبەير بىن مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئالاقىسى ئۈزۈپ، ئۇلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئۆتەشتىن باش تارتقان ياكى ئۇلارغا ناچارلىق قىلىپ ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش بولسا چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.
  2. سىلە رەھىم بولسا شەرىئەت كۆرسىتمىسىگە كۆرە بولىدۇ، سىلە-رەھىم ئورۇن، زامان ۋە شەخسلەرنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن ئۆزگۈرەيدۇ.
  3. سىلە رەھىم قىلىش بولسا: بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش، خەيرىخالىق قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، كېسەللەرنى يوقلاش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ.
  4. تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت يېقىن بولغانسىرى، ئۇنى ئۈزۈۋېتىشنىڭ جىنايىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ