عن عائشة رضي الله عنها عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«إِنَّ أَبْغَضَ الرِّجَالِ إِلَى اللهِ الْأَلَدُّ الْخَصِمُ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 2457]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 2457]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەردىن ھەققە بويسۇنمايدىغان، جىدەلخورلىقى بىلەن ھەقنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئ‍ورۇنسىز كۆپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ياكى دەۋاسى ھەق بولسىمۇ لېكىن مۇبالىغە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىدىغان، ئىلىمسىز مۇنازىرە قىلىدىغانلارنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ زالىمدىن ھەققىنى شەرئى يول بىلەن تەلەپ قىلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان دەۋالارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.
  2. جېدەل ۋە دەۋالىشىش تىلنىڭ ئاپىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە بۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدۇ.
  3. ھەق بولغان ۋە ئۇسلۇبى گۈزەل بولغان دەۋالار مەدھىيەلەنسە، ھەقنى رەت قىلىدىغان، باتىلنى ئىسپاتلايدىغان ياكى دەلىل ئىسپاتسىز دەۋالار ياقتۇرۇلمايدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ