عن ابن عمر رضي الله عنهما:
أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَهَى عَنِ الْقَزَعِ.

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 5921]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 5921]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن.
چەكلىمە چوڭلار، كېچىكلەر، ئوغۇللار ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئايال بېشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)