عن عائشة رضي الله عنها قالت: قال النبي صلى الله عليه وسلم:
«لَا تَسُبُّوا الْأَمْوَاتَ، فَإِنَّهُمْ قَدْ أَفْضَوْا إِلَى مَا قَدَّمُوا».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 1393]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 1393]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىللاش ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تىللاش ئۇلارغا ھېچ بىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ھايات ياشاۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ئۆلۈكلەرنى تىللاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
  2. ئۆلۈكلەرنى تىللاشنى تەرك قىلىش بولسا ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىش، جەمئىيەتنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، يامان كۆرۈش، ئۆچ-ئاداۋەتتىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ۋاپات بولغانلارنى تىللاشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇلارنى تىللىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت ھايات ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ خالاس.
  4. ئىنسان پايدىسىز قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ