عن أبي مُوسَى عبد اللَّه بن قيس رضي الله عنه «أنّ رسول الله صلى الله عليه وسلم بَرِيءَ من الصَّالِقَةِ وَالحَالِقةِ وَالشَّاقَّةِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئابدۇللاھ ئىبنى قەيىس ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ-جاقىرايدىغان، قاتتىق نالە - پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالا بەرگەن ۋە ئۇ ئېلىپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە ئاللاھ تائالاغا تەئەللۇقتۇر. بۇنىڭدا تاكامۇللاشقان بىر ھېكمەت مەۋجۇتتۇر. قانداق بىر كىشى بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ، بەندىلەر ئۈچۈن تۇرغۇزغان پايدا - مەنپەئەت، ياخشىلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى بولغان قازا ۋە قەدىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەندەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ: قانداق بىر ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە ئاچچىقى كەلسە ۋە ئۇنىڭدىن نالە - پەرياد قىلسا، ئۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختالغان يولىدا ۋە تەلەپ قىلىنغان سۈننىتى ئۈستىدە ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يىتىپ قالسا، نالە - پەرياد قىلىدىغان ئادەملەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماددى دۇنياغا باغلانغۇچىلار بولۇپ، ھاياتتا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابى ۋە رازىلىقىنى كۆزلىمەيدۇ. ئىمانى ئاجىزلاپ، مۇسىبەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەن، بۇ ئىش ئۇنى تاكى قەلبىدە نارازى بولۇش ياكى ئۇنى ئاغزاكى ئىپادىلەپ؛ يىغلاش، ۋەيلۇن دەۋزەخى ۋە ۋەيرانچىلىق بىلەن بەت دۇئا قىلىش ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ؛ چاچلىرىنى يۇلۇش ۋە كىيىملىرىنى يىرتىشقا ئوخشاش جاھىلىيەت ئادەتلىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن كىشىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادا - جۇدادۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولسا، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە باش ئېگىدۇ. ۋە ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. (سۈرە بەقەرە 156-157-ئايەتلەر)

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ