عن أبي ذر رضي الله عنه:
عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِيمَا رَوَى عَنِ اللهِ تَبَارَكَ وَتَعَالَى أَنَّهُ قَالَ: «يَا عِبَادِي إِنِّي حَرَّمْتُ الظُّلْمَ عَلَى نَفْسِي، وَجَعَلْتُهُ بَيْنَكُمْ مُحَرَّمًا، فَلَا تَظَالَمُوا، يَا عِبَادِي كُلُّكُمْ ضَالٌّ إِلَّا مَنْ هَدَيْتُهُ، فَاسْتَهْدُونِي أَهْدِكُمْ، يَا عِبَادِي كُلُّكُمْ جَائِعٌ إِلَّا مَنْ أَطْعَمْتُهُ، فَاسْتَطْعِمُونِي أُطْعِمْكُمْ، يَا عِبَادِي كُلُّكُمْ عَارٍ إِلَّا مَنْ كَسَوْتُهُ، فَاسْتَكْسُونِي أَكْسُكُمْ، يَا عِبَادِي إِنَّكُمْ تُخْطِئُونَ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَأَنَا أَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا فَاسْتَغْفِرُونِي أَغْفِرْ لَكُمْ، يَا عِبَادِي إِنَّكُمْ لَنْ تَبْلُغُوا ضَرِّي فَتَضُرُّونِي، وَلَنْ تَبْلُغُوا نَفْعِي فَتَنْفَعُونِي، يَا عِبَادِي لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوا عَلَى أَتْقَى قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ مَا زَادَ ذَلِكَ فِي مُلْكِي شَيْئًا، يَا عِبَادِي لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوا عَلَى أَفْجَرِ قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِنْ مُلْكِي شَيْئًا، يَا عِبَادِي لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ قَامُوا فِي صَعِيدٍ وَاحِدٍ فَسَأَلُونِي فَأَعْطَيْتُ كُلَّ إِنْسَانٍ مَسْأَلَتَهُ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِمَّا عِنْدِي إِلَّا كَمَا يَنْقُصُ الْمِخْيَطُ إِذَا أُدْخِلَ الْبَحْرَ، يَا عِبَادِي إِنَّمَا هِيَ أَعْمَالُكُمْ أُحْصِيهَا لَكُمْ ثُمَّ أُوَفِّيكُمْ إِيَّاهَا، فَمَنْ وَجَدَ خَيْرًا فَلْيَحْمَدِ اللهَ، وَمَنْ وَجَدَ غَيْرَ ذَلِكَ فَلَا يَلُومَنَّ إِلَّا نَفْسَهُ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2577]
المزيــد ...
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم،، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم، ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇن، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن يېمەك بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ، مەندىن يېمەك تەلەپ قىلىڭلار، مەن سىلەرگە يېمەك بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن كىيىم بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچى، مەن بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئەگەر مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىلى سىلەردىن بولغان تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمگە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىلى پاسىق بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيداندا توپلىشىپ بىر نەرسە سورىسا، مەن ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسەم، ئۇ يېڭنىنى دېڭىز سۈيىگە سېلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمىيىپ كەتمىگەندەك، مېنىڭ خەزىنەمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ھەقىقەتەن ئۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار، ئۇنى سىلەرگە ساقلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن، كىمكى ياخشىلىقنى تاپسا ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى ئۇنىڭ غەيرنى تاپسا ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2577]
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە زۇلۇمنى ھارام قىلغانلىقىنى، كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھارام قىلغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە زۇلۇم قىلماسلىقىنى دېدى. ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلغان ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردىن باشقا ھەممە كىشىلەر ئازغۇن يولدىدۇر. كىمكى ئاللاھدىن ھىدايەتنى سورىسا ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە توغرا يولغا مۇشەررەپ قىلىدۇ. خەلقنىڭ ھەممىسى بارلىق ئېھتىياجلىرىدا ئاللاھ تائالاغا مۇھتاجدۇر، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى ئادا قىلىشنى سورىسا ئۇ كىشىگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۈز خاتالىق سادىر قىلىدۇ، بەندە مەغپىرەت تەلەپ قىلغاندا ئاللاھ ئۇنى ئاشكارىلىمايدۇ ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالاغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك تەقۋا بولسا، ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسىق بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك پاسىق بولسا، ئۇلارنىڭ پاسىقلىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاجىز، ئاللاھقا ئېھتىياجلىق، ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر ئورۇندا ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بىھاجەتتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىنسانلىرى، جىنلىرى، ئەۋۋەلقىلىرى، كىيىنكىلىرى ھەممىسى بىر مەيداندا تۇرۇپ ئاللاھدىن مەقسەتلىرىنى سورىسا، ئاللاھ تائالا ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسە بۇ خۇددى يېڭنىنى دېڭىز سۇيىگە سىلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمەيمىگەندەك ئاللاھنىڭ خەزىنىسىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل بىھاجەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ھېسابلاپ قويىدۇ، ئاندىن ئۇنى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا تولۇقلاپ بېرىدۇ، كىمكى قىلغان ئىشىنىڭ مۇكاپىتىنى تاپسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى تائەت-ئىبادەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى قىلغان ئىشىدا ياخشىلىقنىڭ غەيرىنى تاپسا، پەقەت ئۆزىنى زىيانغا ۋە يامانلىققا يىتەكلىگەن نەپسىگە مالامەت قىلسۇن.