عن ابن عباس رضي الله عنهما
عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِيمَا يَرْوِي عَنْ رَبِّهِ عَزَّ وَجَلَّ قَالَ: قَالَ: «إِنَّ اللهَ كَتَبَ الْحَسَنَاتِ وَالسَّيِّئَاتِ، ثُمَّ بَيَّنَ ذَلِكَ، فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ لَهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً، فَإِنْ هُوَ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ لَهُ عِنْدَهُ عَشْرَ حَسَنَاتٍ إِلَى سَبْعِمِائَةِ ضِعْفٍ، إِلَى أَضْعَافٍ كَثِيرَةٍ، وَمَنْ هَمَّ بِسَيِّئَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ لَهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً، فَإِنْ هُوَ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ لَهُ سَيِّئَةً وَاحِدَةً».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن، ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدىسىيدە ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، كىمكى بىر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر يامانلىق يازىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۇنى قانداق يازىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى:
كىمكى بىر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىرگە ئوندىن ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشى شۇ ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئىخلاس، سەمىيمىيەت ۋە مەنپەئەتنىڭ باشقىلارغا يېتىش نەتىجىسى بىلەن بولىدۇ.
كىمكى بىر يامانلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر يامانلىقنى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ياكى ئۇنى قىلىش سەۋەپلىرىنى قىلالماي تەرك قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە يىزىلمايدۇ، ئەگەر يامانلىق قىلىشقا كۈچى يەتمەي تەرك قىلغان بولسا ئۇنىڭ نىيىتىگە كۆرە يىزىلىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر يامانلىق يىزىلىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىپ يىزىشى ۋە يامان ئىشلىرىنى زىيادە قىلماي بىرگە-بىرنى يىزىشى بۇ ئۈممەتكە بولغان چەكسىز پەزلى-رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
  2. ئەمەللەردە نىيەتنىڭ تەسىرى ۋە مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ.
  3. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-ئېھسانى ۋە مېھرىبانلىقىدىن: ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ قىلالمىغان كىشىگە بىر ياخشىلىقنى يىزىشىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ