عن أبي هريرة رضي الله عنه: أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«يَنْزِلُ رَبُّنَا تَبَارَكَ وَتَعَالَى كُلَّ لَيْلَةٍ إِلَى السَّمَاءِ الدُّنْيَا حِينَ يَبْقَى ثُلُثُ اللَّيْلِ الْآخِرُ، يَقُولُ: «مَنْ يَدْعُونِي فَأَسْتَجِيبَ لَهُ؟ مَنْ يَسْأَلُنِي فَأُعْطِيَهُ؟ مَنْ يَسْتَغْفِرُنِي فَأَغْفِرَ لَهُ؟».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 1145]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن بىر نەرسە سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، كىم مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن؟دەيدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 1145]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى خالىغان نەرسىسىنى سوراشقا قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا سورىغىنىنى بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىستىغپار ئېيتىپ خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سوراشقا بۇيرىغانلىقى، ئاللاھنىڭ مۇئ‍مىن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى.
  2. ئىنسان مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىشكە بەك ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)
تېخىمۇ كۆپ