عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قال: قال رَسُولُ الله صلى الله عليه وسلم:
«إِنَّ اللهَ يَغَارُ، وَإِنَّ الْمُؤْمِنَ يَغَارُ، وَغَيْرَةُ اللهِ أَنْ يَأْتِيَ الْمُؤْمِنُ مَا حَرَّمَ عَلَيْهِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 2761]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئ‍مىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئ‍مىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2761]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلەيدىغانلىقى، غەزەپلىنىدىغانلىقى، ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، مۆمىن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھارام قىلغان زىنا، بەچچىۋازلىق، ئوغۇرلۇق، ھاراق ئېچىش قاتارلىق پاھىشە ئىشلارغا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلغاندا ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن ۋە ئازابىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (56)
تېخىمۇ كۆپ