عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: "لتتبعن سنن من كان قبلكم، حذو القذة بالقذة، حتى لو دخلوا جحر ضب لدخلتموه. قالوا: يا رسول الله، اليهود والنصارى؟ قال: فمن؟ "
[صحيح] - [متفق عليه. ملحوظة: الحديث مروي بالمعنى، ولفظة: (حذو القذة بالقذة) وردت في حديث آخر حسن]
المزيــد ...

ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان]

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئۈممەت ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى دىنى، سىياسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شۇنداق دورايدۇكى، خۇددى يا ئوقلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغاندەك شۇ دەرىجىدە دورايدۇ. بۇ تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقنى يەنىمۇ تەكىتلەش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ: ئەگەردە ئۇلار تار ۋە قاراڭغۇ بولغان كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، بۇ ئۈممەت شۇ يەرگە قەدەر كىرىپ باقىدۇ، دېگەن. ساھابىلار: «ئىلگىركىلەر» دېگەن سۆزدىن كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، يەنى يەھۇدى ناسارالار مەقسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ھە-ئە دەپ جاۋاب بەرگەن

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (53)
تېخىمۇ كۆپ