عن ابنِ عُمَرَ رضي الله عنهما قال: قال رسولُ الله صلَّى الله عليه وسلم:
«مَن تَشَبَّهَ بِقَوْمٍ فَهُوَ مِنْهُمْ».

[حسن] - [رواه أبو داود وأحمد]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ».

ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشى كاپىرلاردىن ياكى پاسىقلاردىن ياكى ياخشى كىشىلەردىن بولغان بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن (يەنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغان، ئېتىقاد، ئىبادەت ياكى ئادەت قاتارلىق ئىشلاردا) ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ، چۈنكى تاشقى قىياپەتتە ئۇلارغا ئوخشىۋىلىش، مەنىۋىي تەرەپتىنمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شەكسىزكى، بىر قەۋىمگە ئوخشىۋېلىش بولسا، ئۇلارغا قايىل بولغانلىق ۋە ھەۋەسلەنگەنلىكتىن كېلىپ چېقىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە، ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇلارغا تايىنىشقا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنداقلا، ئىنساننى مەنىۋىي ئىشلاردا ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كاپىر ۋە پاسىقلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش.
  2. ياخشى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە قىزىقتۇرۇش.
  3. سېرتقى كۆرۈنۈشتە ئوخشىۋىلىش، كۆڭۈلدە ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
  4. ئىنسان باشقىلارنى دوراشتا، ئۇنىڭ تۈرىگە كۆرە گۇناھ-ئازابتىن نېسىۋېسىنى ئالىدۇ.
  5. كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىكى چەكلىمە بولسا، ئۇلارغا دىنى جەھەتتە ۋە ئۇلارغا خاس بولغان ئىشلاردا ئوخشىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر-سانائەت، باشقا تەرەپلەردە ئوخشىۋېلىش چەكلەنمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ