عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«لَيْسَ الشَّدِيدُ بِالصُّرَعَةِ، إِنَّمَا الشَّدِيدُ الَّذِي يَمْلِكُ نَفْسَهُ عِنْدَ الْغَضَبِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6114]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6114]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ھەقىقى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ بەدەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ياكى كۈچلۈكلەرنى چېلىشىشتا يېڭىۋالىدىغان كۈچ ئەمەسلىكى بەلكى ھەقىقى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئۆز نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىپ، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان مەنىۋىي كۈچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆز نەپسى بىلەن شەيتانغا غالىپ كېلىدىغان ئىمانىي كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئىبارەتتۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس كەڭ قورساقلىقنىڭ ۋە ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۈتىۋېلىش؛ ئىسلام ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  2. ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش بولسا، دۈشمەنگە قارشى كۆرەش قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
  3. ئىسلام كۈچ-قۇۋۋەت توغرىسىدىكى نادانلارچە چۈشەنچىنى ئېسىل ئەخلاققا ئۆزگەرتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان كىشىدۇر.
  4. شەخس ۋە جەمئىيەتكە زېيان يېتىدىغان ئىشلارغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشتىن يىراق بولۇش لازىم.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ