عن أبي هريرة رضي الله عنه:
أَنَّ رَجُلًا قَالَ لِلنَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: أَوْصِنِي، قَالَ: «لَا تَغْضَبْ» فَرَدَّدَ مِرَارًا قَالَ: «لَا تَغْضَبْ».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 6116]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى تەكرار تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچچىقلانمىغىن» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6116]

شەرھىسى

ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پايدىلىق بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئاچچىقلانماسلىققا بۇيرىدى، بۇنىڭ مەنىسى: ئاچچىقلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش، ئاچچىغى كىلىش بىلەنلا ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھەتتا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلارغا قەدەم باسماسلىقتىن ئىبارەت.
ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكرار تەلەپ قىلدى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەندىن باشقا سۆز قىلمىدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ يامانلىقنىڭ جۇغلانمىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ.
  2. ئىنسان ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغاندەك ئىشلارغا غەزەپلەنسە، بۇ ماختىلىنىدىغان غەزەپلىنىش بولىدۇ.
  3. ھاجەت بولغاندا سۆزنى تەكرار قىلىش بولسا، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېسىدە تۇتىۋېلىشى ۋە ئۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر.
  4. ئالىم-ئۆلىمالاردىن ياخشى ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ